د ئۇ ق خىتاينى غۇلجا ۋەقەسىنى باستۇرۇشقا قاتناشقانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىردى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 16 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەقەدە قۇربان بولغانلارغا يەنە بىر قېتىم تەزىيە بىلدۈردى ۋە خىتاينى مەزكۇر ۋەقەنى باستۇرۇشقا قاتناشقانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.02.06

6-فېۋرال ئېلان قىلىنغان باياناتقا قارىغاندا، خىتاي بىخەتەرلىك قىسىملىرى1997-يىلى 5-فېۋرال ئۇيغۇر نامايىشچىلارنى قانلىق باستۇرغان، باستۇرۇشتا ئەڭ ئاز دېگەندە 100 ئادەم ئۆلگەن، كۆپلىگەن ئادەم يارىلانغان.

دائىرىلەر نامايىشتىن كېيىن 4 مىڭغا يېقىن ئادەمنى قولغا ئالغان ۋە 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن.

باياناتتا كۆرسىتىشىچە، ۋەقەنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن 40 مىڭ ئەسكەر چىقارغان خىتاي ھۆكۈمىتى ھەربىي كۈچ ئىشلىتىپ ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قامال قىلغان ۋە ھازىرغىچە ئاشكارىلىمىغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ: غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ ساناقسىز ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى ۋە ئائىلىسىگىچە ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنمەن، دېدى.

خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئادالەتسىزلىكلەرنىڭ ئىزچىل رەۋىشتە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن رابىيە قادىر خانىم يەنە مۇنداق دېدى: ئۇلارنىڭ بۇ خىلدىكى دەپسەندىچىلىكلەرنى پەسەيتىشىگە ئۈمىدىم زور ئەمەس. غۇلجا قىرغىنچىلىقىدىكى سوئاللارغا تېخى ھېچقانداق جاۋاب بېرىلمىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، غۇلجا ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئارىدىن 16 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى نامايىشچى ئۇيغۇرلارنى ئېتىشقا بۇيرۇق بەرگەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.