خىتاي 'دۆلەتلىك ئىنسان ھەقلىرى ھەرىكەت پىلانى' نى تۈزمەكچى

خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا خەۋەر تارقىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل دۆلەت قۇرۇلغان 59 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى " ئىنسان ھەقلىرى ھەرىكەت پىلانى"تۈزۈشنى قارار قىلغان بولۇپ، مەزكۇر ھەرىكەت پىلانى بويىچە خىتاي كېلەركى ئىككى يىل جەريانىدا ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالىنى ياخشىلاش،تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇناسىپ تەدبىرلەرنى قوللانماقچى بولغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008.11.04

خىتاي 1954 - يىلى ئېلان قىلغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا تۇنجى قېتىم پۇقرالارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي ھەم كىشىلىك تەرەپلەردە ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. 2004 - يىلى ئېچىلغان 10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىككىنچى يىغىنىدا ھەقىقىي تۈردە خىتايدا ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىش ھەم قوغداشنى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزگەن ئىدى.

بۇ قېتىم دۆلەتلىك ئىنسان ھەقلىرى ھەرىكەت پىلانىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن ماددىلىرىنى تۇنجى نۆۋەت ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى 1998 - يىلى ئۆكتەبىردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پۇقرالارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە سىياسىي ھوقۇق خەلقئارالىق كېلىشىمىگە ئىمزا ئاتقان بولسىمۇ، خىتايدا بۇنىڭ ئەمەلىيلەشمەي، ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنىڭ ناچار ئەھۋالدا تۇرۇشى خەلقارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.

خەلقئارادىكى كۈزەتكۈچىلەر، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە بولغان تونۇشىنىڭ روشەنلىشىشى ھەم خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى ھەققىدە كۆپلەپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولىشى بىلەن خىتاي ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا تەدبىر قوللىنىشقا مەجبۇر بولغان.

ب ب س نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈشىگە ئەمەس بەلكى بۇ ھەقتە قانداق ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.