خىتاي ئىككىنچى تۈركۈم شەرقى تۈركىستان تېررورچىلىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلماقچى

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 21 - ئۆكتەبىر ئەتىگەن سائەت 10دا تېررورچىلارنىڭ 2 - قېتىملىق تىزىملىكى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، شىنخۇا ئاخباراتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر يىغىن بېيجىڭدىكى ئاسىيا مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا ئېچىلىدىكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئۆز ئالدىغا "ئىككىنچى تۈركۈم شەرقى تۈركىستان تېررورچىلىرى تىزىملىكى" نى تۇرغۇزۇپ چىققان بولۇپ، يىغىندا مەزكۇر تىزىملىك ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار بەزى مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن ئىشخانا مۇدىرى ۋە باياناتچىسى ۋۇ خېپىڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمەت 2003 - يىلىمۇ شۇ خىلىدىكى بىر تىزىملىك ئېلان قىلغان بولۇپ بۇ تىزىملىككە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن، دۇنيا ياشلار قۇرۇلتىيى ۋە شەرقى تۈركىستان ئىنفورماتسىيە مەركىزى قاتارلىق ئورگانلارنى كىرگۈزگەن، شۇنىڭغا ئالاقىدار 11 نەپەر ئۇيغۇرنى "تېررورچى" دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.