چېن يۈنلىننىڭ تەيۋەن زىيارىتىدە يۈزلىگەن تەيۋەن ساقچىسى بەدەل تۆلىدى

جۈمە كۈنى، ئەتىگەن سائەت 10دا تەيۋەندە بەش كۈنلۈك زىيارىتىنى تاماملىغان خىتاي دۆلەتلىك خىتاي - تەيۋەن ئىشلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى چېن يۈنلىن خىتايغا يۈرۈپ كەتتى.

چېن يۈنلىننىڭ تەيۋەندىكى بەش كۈنلۈك زىيارىتى گەرچە 1949 - يىلىدىن بۇيانقى خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم تەيۋەندە ھۆكۈمەت زىيارىتىدە بولۇشى ھېسابلىنىدىغان بولسىمۇ، تەيۋەندە چېن يۈنلىن تەيۋەنگە قەدەم باسماي تۇرۇپلا باشلانغان كۈچلۈك قارشىلىق نامايىشلىرى تاكى ئۇ تەيۋەندىن ئايرىلغىچە كېچە ‏ - كۈندۈز داۋام قىلغان. مۇستەقىللىقنى قوللىغۇچىلار بىلەن تەيۋەن ‏ - خىتاي دوستلۇقىنى قوللىغۇچىلار ئارىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن.

ئاخباراتلاردا تەيبېي ساقچى ئىدارىسى باشلىقىنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىشىچە، بەش كۈن جەريانىدا جەمئىي 149 تەيۋەن ساقچىسى يارىلانغان بولۇپ، چېن يۈنلىننى كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچىلاردىن قوغداش ئۈچۈن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 30 نەپەردىن ساقچى يارىلىنىپ بەدەل تۆلىگەن.

چېن يۈنلىننىڭ زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن پارتىيىلەر، گۇرۇھلار، ئۆزلىكىدىن تەشكىللەنگەن تەيۋەندىكى نامايىشچىلار چېن يۈنلىن چۈشكەن ئايرۇدۇرۇمدا، ئۇ ياتقان مېھمانخانا ئالدىدا، ئۇ بارغان ھەر بىر زىيارەت نۇقتىسىدا توختىماي كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارنى قىلغان، ئۇ ياتقان مېھمانخانىنىڭ تېمىغا باندىت چېن يۈلىن يوقال بۇ يەردىن !" دېگەن شوئار يېزىپ قويۇلغان، بەزىلەر خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىگە سېسىق تۇخۇم ئاتقان.

خەلقئارالىق مەتبۇئاتلار خىتاي - تەيۋەن ئىشلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى چېن يۈنلىننىڭ تەيۋەن زىيارىتىنى مۇشەققەتلىك سەپەر، قانلىق بەدەللەر بىلەن ئاياقلاشقان زىيارەت دەپ باھا بەرمەكتە.

چېن يۈنلىن تەيۋەندە زىيارىتىنى ئاياقلاشتۇرۇش ئالدىدا بەرگەن باياناتىدا، تەيۋەنلىكلەرنى خىتايغا زىيارەتكە بېرىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ " تەيۋەنلىك دوستلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز، زىيارىتىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق، بىخەتەر، مەنىلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز " دېگەن بولسىمۇ، ئۇ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشتا يەنىلا ئۇزاق مۇساپە بارلىقىنى بىلدۈرگەن.