ئامېرىكا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى ئايروپىلان بۇلاش جىنايىتى ئارتىلىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 3 ئۇيغۇر ئۈچۈن نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى 12-دېكابىر كۈنى تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئايروپىلان بۇلاش جىنايىتى ئارتىلغان، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مۇسا يۈسۈپ ئەرشىدىن قارى ئىمىن ۋە ئۆمەر ئىمىنلارغا ئۆلۈم جازاسى، يەنە بىر نەپىرىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.12.12

باياناتتا يەنە خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ماقالە ئېلان قىلىپ، رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇيغۇر دېموكراتىك ھەرىكىتىنى قارىلىغانلىقىنى تەنقىد قىلىندى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دۆلەت دەرىجىلىك تېررورلۇق باستۇرۇش سىياسىتى ئۆز ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئاساسى ئامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار باستۇرۇلۇۋاتقان ۋەزىيەتكە دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدا تۈنۈگۈن، 11-دېكابىر كۈنى بۇ يىل 29-ئىيۇن كۈنى خوتەندە ئايروپىلان بۇلاش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ 3 نەپىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئۈچ نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسىدىن ئىبارەت ئېغىر جازا بېرىشى خىتاينىڭ سىياسىي مەقسىتىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا ئەڭ قاتتىق باستۇرۇلۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.