خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خۇ جيانىڭ ئايالى زېڭ جىنيەن يەكشەنبە كۈنى شىنجېندىن بېيجىڭغا بېرىپ، دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدىكى بىر تۈرمىدە يېتىۋاتقان خۇ جيا بىلەن كۆرۈشكەن.
تۈنۈگۈنكى خەۋەرلەردە زېڭ جىنيەننىڭ بېيجىڭ ئايرودرومىدا يوقاپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. لېكىن زېڭ جىنيەن بۈگۈن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئۆزىنىڭ تۈنۈگۈن ئايروپىلاندىن چۈشۈشىگە پۇقراچە كىيىنگەن كىشىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ۋە بۈگۈن تۈرمىدىكى يولدىشى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خۇ جيا 2008-يىلى «ئاغدۇرمىچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، ياۋروپا پارلامېنتى ئۇنىڭغا ساخاروف كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بەرگەن. لېكىن خۇ جيانىڭ قويۇپ بېرىلىدىغان ۋاقتى دەل خىتاينىڭ «ياسىمەن گۈلى» ئىنقىلابىدىن ئەنسىرەپ، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 26-ئىيۇندا خۇ جيانى قانداق قويۇپ بېرىدىغانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلماقتا. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۈرمىدىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى جازا مۇددىتى توشقان تەقدىردىمۇ، داۋاملىق تۇتۇپ تۇرىدىغان ۋە ياكى نەزەربەند قىلىدىغان خاھىشى دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ئەھۋالدۇر.
15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان موڭغۇل ئۆكتىچى خادانىڭ قاماق جازاسى 2010-يىلى 12-ئايدا توشقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى ھازىرغا قەدەر قويۇپ بەرمىگەن ئىدى.
