ئۇيغۇرلار خۇ جىنتاۋ فرانسىيىنى زىيارەت قىلغاندا نامايىش قىلماقچى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ بايان قىلىشىچە، فرانسىيىدىكى ئۇيغۇرلار 11‏ - ئاينىڭ 4 ‏- كۈنى خۇ جىنتاۋ فرانسىيىگە كەلگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىغا قارشىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلىدۇ.

بۇ نامايىشنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ فرانسىيە كومىتېتى بىلەن فالۇنگوڭچىلار ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىرلىكتە پىلانلىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ تىنچ نامايىشتا ئۇيغۇرلار، فالۇنگوڭچىلار ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى پارىژ شەھىرىدە، پارۋىستىن خىتاينىڭ باش ئەلچىخانىسىغىچە مارش ئېيتىپ ماڭىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى فرانسىيىدىن ئىبارەت بۇ مەدەنىيەتلىك دۆلەتنىڭ پرېزىدېنتى ساركوزىغا، بۇ قېتىم خۇ جىنتاۋ فرانسىيىگە كەلگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا ياۋۇزلۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى يۈزمۇ -يۈز ئوتتۇرىغا قويۇشنى تاپىلىدى.