ئەسلىدە خۇجىنتاۋ ئوتتۇرىغا قويغان بۇ چاقىرىق، خىتاينىڭ قانۇن ۋە ھۆججەتلىرىدە خېلى بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان؛ ئەمما يېرىم ئەسىردىن بېرى ئەمەلىيلەشمىگەن.
خۇجىنتاۋنىڭ بۇ قېتىم، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن مەزكۇر چاقىرىقنى قايتا تەكرارلىشى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆز خاتالىقىنى تونۇش پوزىتسىيىسى سۈپىتىدە كۆرۈلمەكتە. ئەمما خۇنجىنتاۋ سۆزىنىڭ داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىنى غەلىبىلىك ھەل قىلىپ كەلگەنلىكىنى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خۇجىنتاۋنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا ئىپادىلىگەن ھەم خاتالىقىنى تونۇش، ھەم خاتالىقىنى ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسى، خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، پىكىر ئىختىلاپى ياكى تېڭىرقاش ئىچىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.