خىتاينىڭ خۇاۋېي، جوڭشىڭ شىركەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىشپىيونلۇق قىلىدىغانلىقىنى رەت قىلدى

خىتاينىڭ خەلقئارا تېلېفون، تور ئالاقە ئەسۋابلىرىنى ساتىدىغان خۇاۋېي، جوڭشىڭ قاتارلىق ئىككى شىركىتى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئىستىخبارات كومىتېتىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۇلار ساتقان بەزى ئەسۋابلارغا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۇچۇر توپلايدىغان ئىشپىيونلۇق ئەسۋابلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى رەت قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.09.14

بۇ ئىككى شىركەتنىڭ دىكتورلىرى ئىستىخبارات كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ئالدىدا قولىنى كۆتۈرۈپ قەسەم قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق بولمىغان مۇستەقىل شىركەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي شىركەت دىكتورلىرىنىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىغا قەسەم بېرىپ گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشى تۇنجى قېتىملىق ۋەقە. خۇاۋېي شىركىتى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ پېنسىيىگە چىققان بىر ھەربىي ئىنژېنېرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان.

جوڭشىڭ گۇرۇھى بولسا بىر قىسمى خىتاي دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا. بۇ ئىككى شىركەت ئۆزلىرىنىڭ تىجارىتىنى ئامېرىكىغا كېڭەيتىشكە ئۇرۇپ كەلگەن. بىراق ئۇلارنىڭ خىتاي دۆلەت ئورگانلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، سودىنى باھانە قىلىپ، خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش ئېھتىماللىقى ۋە بۇنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە پەيدا قىلىدىغان خەۋپى، دۆلەت مەجلىسىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلگەن.

يىغىندا دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى داچ رۇپپېرسبېرگېر ئاگاھلاندۇرۇپ: ئەگەر سىلەر ئامېرىكىدا سودا قىلماقچى بولساڭلا، ئۇ ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بىزنىڭ سودا ئورۇنلىرىمىزغا قارىتىلغان تور ھۇجۇمىنى توختىتىشنى ئېيتىپ قويۇشۇڭلار كېرەك، دېگەن. جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايك روجېرس ھەر ئىككى شىركەتنى تەنقىدلەپ، ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.