2-نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىكى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئاياغلاشتى

جەنۇبىي كورىيىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئېچىلغان 2-نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىكى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى سەيشەنبە كۈنى ئاياغلاشتى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.03.27

50 تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ رەھبىرى يىغىندا بۇندىن كېيىن يادرو مەسىلىسىدە ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش ھەققىدە ۋەدىلەشتى. يىغىن باشقۇرغۇچى، جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتى لىميۇڭ باك يىغىندا قىلغان نۇتقىدا «تېررور ۋە يادرو قورالى مەۋجۇت بولمىغان بىر دۇنيا بەرپا قىلىش ئىنتايىن مۈشكۈل بىر نىشان بولسىمۇ، ئەمما ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا يادرو پائالىيەتلىرىنى كېمەيتىش تامامەن مۇمكىن» دېدى.

ئامېرىكىدىكى تەتقىقاتچىلار بىرلىكى ئېلان قىلغان رەقەملەرگە قارىغاندا، دۇنيا مىقياسى بويىچە ھازىر 1600 توننا قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇران ۋە 500 توننا پلۇتونىي بار بولۇپ، يۇقىرىدىكى يادرو ماتېرىياللىرى جەمئىي 120 مىڭ دانە يادرو ئوق بېشى ياساشقا يېتىدىكەن. بۇندىن ئىككى يىل ئاۋۋال ئېچىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىكى يىغىنىدىن كېيىن رۇسىيە ۋە ئامېرىكا 140 توننا ئەتراپىدا يادرو خام ئەشياسىنى كېمەيتكەن.

يىغىن ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغان دوكلات، بۇندىن كېيىن يادرو پائالىيەتلىرىنى كېمەيتىش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىش، يادرو ماتېرىياللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ تېررورچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يادرونى تىنچلىق ئۈچۈن ئىشلىتىشكە ئوخشاش جەمئىي 13 خىل ماددىدىن تەركىب تاپقان. ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما يىغىن جەريانىدا مېدۋېدىۋ ۋە خۇ جىنتاۋ بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىپ، ئۇلاردىن شىمالىي كورىيە ۋە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە ئاكتىپ ھەمكارلىشىشىنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.