مەلۇم بولۇشىچە، نامايىش قىلغۇچىلار ئون نەچچە ئادەم بولۇپ، ئۇلار ياڭ جيا ئۈستىدىن ئېچىلىدىغان سوت باشلىنىشتىن ئىلگىرى شاڭخەي شەھەرلىك ئالىي سوتنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ نامايىش قىلغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھەتتا بەزى نامايىشچىلار ياڭ جيانىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ھەمدە ياڭ ئېيتقان: "ئەگەر نېمە ئۈچۈنلىكىنى چۈشەندۈرمىسەڭ، ساڭا تەنبىھ بېرىمەن" دېگەن سۆز يېزىلغان مايكىلارنى كىيىۋالغان.
نامايىشقا قاتناشقان ياڭ لىن ئىسىملىك بىر نامايىشچى فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا، ئۆزلىرىنىڭ ياڭ جيانىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەتتىكى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتنى بىلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇ يىل 28 ياشلىق ياڭ جيا ئەسلى بېيجىڭلىق ئىشسىز ياش بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 1 - ئىيۇندا شاڭخەي شەھىرى جيابېي رايونلۇق ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلغان، 6 خىتاي ساقچىسىنى ئۆلتۈرگەن ھەمدە 27 - ئاۋغۇست شاڭخەي شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت تەرىپىدىن ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان ئىدى.
خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، سوتخانىغا خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ بەزى مۇخبىرلىرىدىن باشقا، خىتاي ۋە ياكى چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كىرگۈزۈلمىگەن.
