ياپونىيە ئىچكى ئىشلار كابىنېتى بۇ قارار ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىپ، ئىچكى كابىنېتنىڭ بۇنداق بىر قارارنى ئېلىشى ، ئاتوم رادىئاتسىيىسى زىيىنىغا ئۇچرىغانلارغا مۇۋاپىق تۆلەم بېرىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بۈگۈن ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى بەرگەن خەۋەرلىرىدە يەنە، ياپونىيىدىكى ئاپەت يۈز بەرگەن جاي فۇكۇشىما ئارىلىدا 4 ياشتىن 15 ياشقا قەدەر بولغان 34 مىڭ نەپەر بالىغا ئاتوم رادىئاتسىيىسىنى ئۆلچەش ئەسۋابى تارقىتىلىپ، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى ئاتوم رادىئاتسىيە نۇرىنىڭ ئەكس تەسىرى ئۆلچىنىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
فۇكۇشىما ئارىلىدىكى مەلۇم بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 9-ئايدىن باشلاپ فۇكۇشىما شەھىرىدىكى بالىلارغا بۇ خىل ئەسۋاب تارقىتىلىپ، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى ئاتوم رادىئاتسىيىسى تەسىرىنىڭ دەرىجىسى ئۆلچىنىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، فۇكۇشىما ئارىلىدىكى ئاتوم ئېلېكتر ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن ئاتوم رادىئاتسىيە تارقىلىش ھادىسىسىدىن كېيىن فۇكۇشىما ئارىلىدا تەخمىنەن 80مىڭ ئەتراپىدىكى ئاھالە ئاتوم رادىئاتسىيە نۇرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە ئىكەن.
ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 60-يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنۇر رايونىدا 47 قېتىملىق ئاتوم بومبىسى سىنىقى ئېلىپ بارغان. رايوندىكى ئۇيغۇرلار ئاتوم رادىئاتسىيە تەسىرىگە ئۇچراش سەۋەبىدىن ھەر خىل يامان خاراكتېرلىك كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ، بۇ رايوننىڭ ئېكولوگىيىسى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغانلىقى خەلقئارادا ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئاتوم رادىئاتسىيىسى زىيىنىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا تۆلەم بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەم خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينى ئەيىبلىشىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى.