ياپونىيە بىلەن ھىندىستان ئەركىن تىجارەت كېلىشىمى ئىمزالىدى
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.02.16
2011.02.16
كېلىشىمگە ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى سېيجى مايىخارا بىلەن ھىندىستان سودا مىنىستىرى ئاناند شارما ئىمزا قويدى. بۇ كېلىشىم د ۋ د قويغۇدىن تارتىپ سۇ مەھسۇلاتلىرى، ھەتتا ياغاچ ماتېرىياللىرىغىچە بولغان كەڭ دائىرىدە مەبلەغ سېلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ياپونىيە باش مىنىستىرى نائوتوكان بۇ قېتىم ياپونىيە بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئەركىن تىجارەت كېلىشىمىنى تارىخىي خاراكتېرلىك چوڭ ئېچىش دەپ تەسۋىرلىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ كېلىشىم بويىچە، ياپونىيە بۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە، ھىندىستاندىن ئىمپورت قىلغان 97% مالدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىدۇ. ھىندىستان بولسا، ياپونىيىدىن ئىمپورت قىلغان 90% مالدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىدۇ.