خىتاي ساقچىلىرى مېھمانخانىغا كىرىپ 3 نەپەر ياپون مۇخبىرىنى ئۇردى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.09.19
2009.09.19
بۇ، خىتايدا خوڭكوڭ مۇخبىرلىرى 'ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنى قۇتراتتى' دەپ ئۇرۇلغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن يەنە بىر قېتىملىق مۇخبىرلارنى ھاقارەتلەش ۋەقەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئۇچۇر ۋاستىلىرىغا 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىكى پارات تەييارلىقىنى رەسىمگە ئالماسلىقنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن بۇنىڭغا ئوخشاش ئۇقتۇرۇش چىقارمىغان ئىدى. ھازىر بېيجىڭدا قوللىنىلىۋاتقان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى، كىشىلەردە تېخىمۇ بەك جىددىيلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلىۋاتىدۇ.
بېيجىڭنىڭ چاڭئەن كوچىسىدا ھازىر تانكا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەربىي ئاپتوموبىللارمۇ يۈرۈۋېرىدىغان بولۇپ قالدى. ھەربىيلەر مەشق قىلىدىغان كوچىدا قاتناش توختۇتىلىپلا قالماي، شۇ كوچىغا يېقىن جايدىكى مەكتەپلەر، دۇكانلارمۇ تاقىۋېتىلدى.