بۇ، خىتاينىڭ لوپنور رايونىدا تۇنجى قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىپ، بىر يىل ئۆتكەن ۋاقىت بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا خىتايمۇ ئاتوم قورالىغا ئىگە دۆلەتكە ئايلانغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ۋېتنامنىڭ ۋەزىيىتىمۇ جىددىلىشىۋاتقان چاغ بولۇپ، غەرب دۇنياسى بىلەن سوتسىيالىزم ئارىسىدىكى زىددىيەتلەر ئۆتكۈرلەشكەن، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدىمۇ زىددىيەتلەر كۈچەيگەن، ياپونىيە بۇ ئەھۋاللارنى ئۆزىگە نىسبەتەن خەتەرلىك ھېس قىلغان ئىدى.
ياپونىيە ۋەزىرى ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ماكمالاغا ياپونىيىنىڭمۇ يادرو قورالىنى راۋاجلاندۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بولسىمۇ، لېكىن ئاتوم بومبىسى ياساش پىلانى يوقلىقىنى،ئەمما ياپونىيىنىڭ ئامېرىكىنىڭ يادرو قورالىنى ياپونىيىگە ئېلىپ كىرىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ئۇرۇش پارتلاپ قالسا، يادرو قورالى بار پاراخوتلاردىن ئالدى بىلەن دېڭىزدىن ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى تەكىتلىگەن.
مەزكۇر ياپون باش ۋەزىرى يەنە ئاق سارايدا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىنى قوغداش ۋەدىسىدە تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
