شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە خىتاي تەرەپنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا قارىماي، ياپونىيىنىڭ خىتاي پاراخوت باشلىقى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشنى قارار قىلغانلىقى ئېيتىلغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، 7 - سېنتەبىر كۈنى ياپونىيە چارلىغۇچى پاراخوتى بىلەن توقۇنۇشۇپ، ياپونىيە تەرەپتىن قولغا ئېلىنغان خىتاي بېلىقچى پاراخوتىنىڭ باشلىقىنى 29 - سېنتەبىرگىچە يەنە داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇش بېكىتىلگەن بولۇپ، 18 - سېنتەبىر كۈنى خىتاينىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرىدە ياپونىيىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن ھەتتا ياپونىيە كونسۇلخانىلىرى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ خىتاي تەۋەسىدە ئېھتىياتچان بولۇشىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
ئەمما، ياپونىيىنىڭ خىتاينىڭ بېسىمى ۋە نارازىلىق نامايىشلىرىغا قارىماي، ياپونىيە دېڭىز تەۋەسىگە كىرگەن خىتاي پۇقراسىنى قويۇۋېتىش ئەمەس، بەلكى ئۇنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشنى قارار قىلىشىغا نىسبەتەن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ئىنكاس قايتۇرۇپ، ياپونىيىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى"خاتالىقنىڭ ئۈستىگە خاتالىق قوشۇش" دەپ ئەيىبلىدى ھەمدە ھەممە ئاقىۋەتكە ياپونىيىنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.