ياپونىيە سايلىمىدىن كىيىن ئامېرىكا ۋە ئاسىيا ئەللىرى ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئۈمىدىنى بىلدۈرۈشتى

بۇ نۆۋەتلىك ياپونىيە پارلامېنت سايلىمىدا، ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيىسى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنى يەڭدى. سايلامدىن كىيىن، ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم ئاسىيا ئەللىرى ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، 31 - ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى، جەنۇبى كورىيە پرېزىدېنتنى لى ميۇڭ كەلگۈسى ياپونىيە باش ۋەزىرى يۇكىئو ھاتوياماغا تەبرىكنامە يوللاپ، ئۆزىنىڭ ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئۈمىدىنى ئىپادىلىگەن.

ئامېرىكا ئاقسارايمۇ، ھوقۇق بېشىغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان يېڭى ياپونىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەن.

بۇ نۆۋەتلىك سايلامدا ئۇتۇپ چىققان ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيىسى، ھوقۇق تاپشۇرۇۋالغاندىن كىيىن ياپونىيە - ئاسىيا ئەللىرى ۋە ياپونىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

غەرب ئاخباراتلىرىدا مەزكۇر سايلام دەۋر بۆلگۈچ خاراكتېرىگە ئىگە دەپ كۆرسىتىلمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى ھەپتىدىن كىيىن چاقىرىلىدىغان پارلامېنت يىغىدىن كىيىن، يۇكىئو ھاتويامانىڭ باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسى مۇقىملاشتۇرۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن.

سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان نۆۋەتتىكى ياپونىيە باش ۋەزىرى تارو ئاسو ئۆز پارتىيىسىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى قوبۇل قىلىپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.