ياپونىيە «لى چۈنگۇاڭ ۋەقەسى» مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا رەسمىي نارازىلىق بىلدۈرگەن

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كويچىرو گېنبا، خىتاينىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ دىپلوماتىك ئەمەلدارى لى چۈنگۇاڭ مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، ياپونىيە ساقچى ئورگانلىرى لى چۈنگۇاڭنىڭ ئۆزىنى ساقچىغا مەلۇم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ دۆلىتىگە قايتىپ كەتكەنلىكى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتايغا رەسمىي نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.06.01

ياپونىيە ئامانلىق ئورگانلىرى خىتاينىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ 1‏-دەرىجىلىك كاتىپى لى چۈنگۇاڭنى جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەندىن كېيىن، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىن لى چۈنگۇاڭنىڭ ساقچى ئورگانلىرىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. بىراق ئۇ ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئورنىغا خىتايغا قايتىپ كەتكەن.

ئۇنىڭ خىتايغا ئەلچىخانا دائىرىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ياكى ئۆزلۈكىدىن قايتىپ كەتكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. توكيو ساقچى مەھكىمىسى پەيشەنبە كۈنى لى چۈنگۇاڭنى رەسمىي توكيو تەپتىش مەھكىمىسىگە شىكايەت قىلىپ، ئۇنىڭ دىپلوماتلىق سالاھىيىتىنى يوشۇرغانلىقى، ساختا ئادرېس ۋە كىنىشكا ئىشلىتىپ، ياپونىيە قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى، ياپونىيىنىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرىنى قولغا چۈشۈرۈپ، جاسۇسلۇق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى لى چۈنگۇاڭنىڭ جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى رەت قىلغان ئىدى.

ياپونىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى لى چۈنگۇاڭغا بەزى مەخپىي ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلاپ قويۇش بىلەن تەنقىد قىلىنغان. لى چۈنگۇاڭ ۋەقەسى ياپونىيىدە جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى ۋە مەخپىيەتلىك قانۇنى ھەققىدە تالاش-تارتىش قوزغىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.