ياپونىيە دائىرىلىرى فۇكۇشىما رايونىغا يېقىن جايدىكى بىر يادرو رېئاكتورنى تاقىغانلىقىنى بىلدۈردى

ياپونىيە دائىرىلىرى يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن فۇكۇشىما رايونىغا يېقىن جايدىكى بىر يادرو رېئاكتورنى تاقىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ يىل 11-مارت ياپونىيىنىڭ فۇكۇشىما رايونىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى مەزكۇر رايونغا جايلاشقان فۇكۇشىما دەيئىچى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنى زەخىمىگە ئۇچراتقان ۋە رېئاكتوردىن رادىئاتسىيە سارقىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، خەلقتە ساراسىمە پەيدا قىلغان ئىدى.

نۆۋەتتە زەخىمىگە ئۇچرىغان زاۋۇت پۈتۈنلەي كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ياپونىيە خەلقى ئارىسىدا ئەندىشە تېخى تۈگىگىنى يوق.

نەتىجىدە دائىرىلەر، يەر تەۋرەش رايونىغا يېقىن جايلاشقان ھاماۋكا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى تاقاشنى قارار قىلغان.

رېئاكتور شەنبە كۈنى ئەتىگەن سەت 1 دەپ رەسمىي تاقالغان.

شەنبە كۈنى ياپونىيە باش مىنىستىرى نائوتو كان خەلققە ۋەدە بېرىپ، فۇكۇشىما ئاتوم قازاسىغا يولۇققان ئاممىغا بېرىلىدىغان تۆلەم ئۈچۈن مەخسۇس قانۇن چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.