ياۋروپا بىرلىكى خىتاي ۋە ھىندىستاندىن كىرىدىغان زەھەرلىك ماددىلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ياۋروپا بىرلىكى دائىرىلىرى ياۋروپا بازىرىدا نېرۋىنى مەست قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان سۈنئىي بىرىكمە دورىلارنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئالاقىدار ئورۇنلارنى بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئاگاھلاندۇرغان.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.11.15

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ دورىلار ئاساسەن خىتاي ۋە ھىندىستاندىن كېلىدىغان بولۇپ، بۇ يىل ياۋروپاغا كىرگەن دورىلارنىڭ تۈرى ۋە مىقدارى ئىلگىرىكى يىللاردىن كۆرۈنەرلىك ھالدا زور بولغان.

دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قانۇنسىز زەھەرلىك ماددا تۈرىگە كىرىدىغان بۇ خىل دورىلار مەخسۇس تور بېكەتلەر ئارقىلىق «مۇنچا تۇزى»، «ئۆسۈملۈك ئوزۇقى» دېگەنگە ئوخشاش ئوخشىمايدىغان ئىسىملار بىلەن سېتىلىدىكەن. ياۋروپا بىرلىكى خىتاي ۋە ھىندىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان زەھەرلىك دورىلارنىڭ ياۋروپا بازىرىغا ئىلگىرىلەپ كىرىشىنى چەكلەش ئۈچۈن قانۇن چىقىرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما ئۇلار بۇ باسقۇچ ئاياغلاشقۇچە بولغان ئارىلىقتا ئاۋام خەلققە بۇ دورىلارنىڭ ئادەم تېنىگە قاتتىق زىيانلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە ساۋات بېرىشنىڭ ھەممىدىن مۇھىملىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاۋسترىيە، ئىرېلاندىيە ۋە رۇمىنىيە قاتارلىق بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى بولسا ئاللىقاچان بۇنىڭغا قارشى قانۇننى يولغا قويغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.