د ئۇ ق، يېمەك-ئىچمەك يايمىكەشلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلدى

د ئۇ ق باياناتچىسى رادىئومىزغا ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى چىقارماقچى بولغان «يېمەك-ئىچمەك يايمىكەشلىرىنى ۋە يېمەكلىك تەييارلاش سەرەمجانلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش قانۇنى» نىڭ ئۇيغۇر يايمىكەشلەرنىڭ مەنپەئىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىقى، ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلدى.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر قانۇن نوقۇل تازىلىق مەسىلىسىگە چېتىلمايدۇ. بۇ يەنە ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردىكى يېمەكلىكنى ئۆيىدە تەييارلاپ چىقىپ سېتىش ئارقىلىق تىرىكچىلىك قىلىدىغان مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك يايمىكەشلەرنىڭ تىرىكچىلىك يولى ۋە تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلە.

«خەلق تورى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك ۋە دورا بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى يېمەك-ئىچمەك ساتىدىغان يايمىكەشلەرنى ۋە يېمەكلىك تەييارلاش سەرەمجانلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىپ، بىر يەرلىك قانۇن لايىھىسى تەييارلاۋاتقانلىقى، قانۇن لايىھىسىنىڭ كېلەر يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەستىقىغا سۇنۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دىلشات رىشىت، مەزكۇر قانۇن تازىلىق ۋە شەھەر باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ تازىلىق ئۆلچىمىنى باھانە قىلىپ، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە يايمىكەشلىك قىلىدىغان ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك ساتقۇچىلىرىنى چەكلەيدىغان، ئۇلارنى يۇرتىغا قوغلايدىغان ۋاسىتىگە ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«خەلق تورى» تورىنىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك ۋە دورا بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش‏-نازارەت قىلىش ئىدارىسىدىكى خادىملار «يېمەك-ئىچمەك ساتىدىغان يايمىكەشلەرنىڭ پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىش زۆرۈرلۈكى»، ئاپتونوم رايوننىڭ ھازىرغا قەدەر يېمەك-ئىچمەك يايمىكەشلىرىنى باشقۇرىدىغان بۇنداق بىر قانۇن بەلگىلىمىسى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.