قىرغىزىستان، ئۇيغۇر ئېلى ھەمدە تىبەت چېگرىلىرىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى كۆپەيمەكتە

5 - ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىرغىزىستانغا چېگرىداش رايونى ئۇلۇغچات ناھىيىسىدە يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ 6 - ئۆكتەبىرگىچە ئىلگىرى ‏ - ئاخىرى بولۇپ 68 قېتىم ئەگەشمە يەر تەۋرىگەن بولۇپ، قىرغىزىستاننىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە چېگرىلىنىدىغان رايونى نۇرا كەنتىدە بولسا تەۋرەش قېتىم سانى 198 قېتىمغا يەتكەن، تەۋرەشنىڭ ئەڭ يۇقىرىسى 6.8 بال بولغان.

خىتاي ئاگېنتلىقلىرىدا بۇ يەر تەۋرەشتە ئۇلۇغچات ناھىيىسىدە تۆت ئۆي ئۆرۈلۈپ، 221 ئېغىز ئۆينىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ۋەيران بولغانلىقى، ئۆلۈم ‏ - يېتىم ئەھۋالى كېلىپ چىقمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەمما فرانسىيە ئاگېنتلىقى ھەمدە بىرلەشمە ئاگېنتلىقلىرىدا بۇ يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدە بېرىلگەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن قىرغىزىستان تەۋەسىدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكى مەلۇم. يەنى قىرغىزىستاندا مەزكۈر يەر تەۋرەش ئاپىتى تۈپەيلى ئۆلگەنلەر 75 نەپەرگە يەتكەن، بۇنىڭ تۆت نەپىرى بالىلار ئىكەن، يۈزگە يېقىن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى مەلۇم بولغان.