خىتاي سوتى زەھەرلىك سۈت پاراشۇك داۋاگەرلىرىنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى

پەرزەنتلىرى زەھەرلىك سۈت پاراشۇكى ئىستىمال قىلىپ كېسەل بولغان ياكى ئۆلگەن ئائىلىلەرنىڭ" ئۈچ بۇغا" سۈت مەھسۇلاتلار شىركىتى ئۈستىدىن خېبېي ئۆلكىلىك يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە سۇنغان ئەرزى، مەزكۇر سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا "ئۈچ بۇغا" سۈت پاراشۇكى ئىستىمال قىلغانلىقتىن ئۆلگەن 2 بوۋاقنىڭ ئائىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 63 ئائىلە خېبېي ئۆلكىلىك يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، " ئۈچ بۇغا " سۈت مەھسۇلاتلار شىركىتىنىڭ 14 مىليون يۈەن تۆلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىكەن.

خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرىدىكى " ئۈچ بۇغا " شىركىتى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ تەركىۋىدىكى مېلامىن ماددىسى خىتاي بۇيىچە ئاز كەم 300 مىڭ بوۋاقنىڭ بۆرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇشىنى، 6 بوۋاقنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. خېبېي ئۆلكىلىك يۇقىرى سوت مەھكىمىسى مەزكۇر ۋەقەنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن تېخى تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئەرزنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان. داۋاگەرلەرنىڭ ئادۋوكاتلىرى بولسا داۋاملىق ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ھەپتە مېلامىن قوشۇلغان سۈت مەھسۇلاتىدا زەھەرلىنىپ ئۆلگەن بوۋاقلارنىڭ 6 گە يېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، 294 مىڭ بالىنىڭ مېلامىن سەۋەبىدىن ئاغرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بەزى كۆزەتكۈچىلەر، ئەگەر سوت مەزكۇر دېلونى قوبۇل قىلسا بۇ سوتتا جاۋابكارلىققا مۇناسىۋەتلىك سەزگۈر مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خېبېيدىكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ سۈت پاراشۇك سەتچىلىكىدىن خېلى بۇرۇن خەۋەر تاپقانلىقىغا قارىماي، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى مېلامىن ۋەقەسىدىن 2008 ‏ - يىلى 9 ‏ - ئايدا خەۋەر تاپقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.