دېمەك بۇنىڭدىن دوختۇرخانىدا داۋالانمىسا بولمايدىغان بالىلار سانىنىڭ 47 مىڭغا توغرا كېلىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان. بۇ خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى سېنتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرلىرى ئېلان قىلغان ساندىن 3 ھەسسە ئارتۇق ھېسابلىنىدۇ.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، زەھەرلىك سۈت پاراشوكىنىڭ زەربىسىگە ئېغىر دەرىجىدە ئۇچرىغان سۈتچى دېھقانلارنى 3 يۈز مىليون خەلق پۇلى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، ئەمما سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلەنگۈچىلەرنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ بەرمىگەن.
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ تەلەپلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ باستۇرۇشىغا دۇچ كەلگەن.
بۇ ئارىدا خوڭكوڭ بىلەن سىنگاپۇر ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى، يەنە بىر قېتىم خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان يېمەكلىكلەر ئىچىدە مېلامىن بايقالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
