بۇ يىل دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدا رامىزان مەزگىلىدە رامىزان ھەققىدە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش ۋە بەلگىلىمە چىقارمىغان بولسىمۇ، رامىزاننى چەكلەيدىغان تەدبىرلەر ھەرقايسى ۋىلايەتلەردە ئوخشىمىغان شەكىلدە داۋام قىلغان. مەسىلەن ئاتۇشتا سەنئەت پائالىيىتى ۋە زىياپەتلەر ئۇيۇشتۇرۇپ يوشۇرۇن روزا تۇتقانلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان بولسا، غۇلجىدا، ئاھالىلەرنى كوچىدا توپلىشىپ ماڭماسلىققا بۇيرۇش ئارقىلىق تۇغقانلار ۋە دوستلارئارا يوشۇرۇن ئىپتارلىشىشنىڭ ئالدى ئالغان. خادىملار بۇ ئىجرائاتلار داۋامىدا سوئاللارغا دۇچ كەلگەندە روزا تۇتۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئاشكارا ئېيتقان.
ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا ئۇيغۇر ئېلىدا دائىرىلەرنىڭ بۇ يىل رامىزان ھەققىدە ئېغىز ئاچماسلىق يولىنى تۇتقانلىقى، ئاھالىلەر ئىلگىرىكى چەكلىمە ۋە باشتىن كەچۈرگەن زەربىلىرى سەۋەبلىك، روزا تۇتۇشقا جاسارەت قىلالمايۋاتقانلىقى مەلۇم بولغانىدى. بۇ يىلقى رامىزان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ قايسى خىل شەكىلدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق. قەشقەرنىڭ باغچى ساقچىخانا خادىمى، بۇ تەدبىرلەرنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۈرۈمچىدىكى بىر قاتناش ساقچىسى رامىزان مەزگىلىدە تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ روزا تۇتۇپ تۇتمىغانلىقى ۋە ناماز ئوقۇپ-ئوقۇمايۋاتقانلىقىنى كۆزىتىش ئۈچۈن مەخسۇس خادىملار ئاجرىتىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما، بۇ جەرياندا تۇتۇلغانلار ۋە جازالانغانلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئىلگىرىلەپ ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە شەھەرلەردە، دائىرىلەر رامىزان چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئۆز خاھىشى بويىچە ۋە ياكى ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك شەرت-شارائىتلىرى بويىچە ئوخشىمىغان شەكىلدە ئىجرا قىلغان. غۇلجا شەھىرىدىكى بىر ساقچى خادىمى، بۇ رامىزان مەزگىلىدە كوچا چارلاش ۋە ئۆي تەكشۈرۈشنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، بۇ جەرياندا، ئاھالىلەرنىڭ روزا تۇتىدىغان-تۇتمايدىغانلىقىنىڭ مەخسۇس كۆزىتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ساقچى خادىملىرىدىن بىرى، ئاھالىلەرنىڭ روزا تۇتۇشىغا رۇخسەت يوقلۇقى ۋە شۇڭا ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك روزا تۇتمىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئېنىقلىشىمىزدا، ئاتۇشتا سەنئەت پائالىيەتلىرى ۋە زىياپەتلەر ئارقىلىق رامىزانغا بۇزغۇنچىلىق قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان. بۇ ھەپتە تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان غۇلجا ناھىيەسىدىكى بىر ساقچى خادىمى، رامىزان مەزگىلىدە كوچا چارلاشنىڭ كېڭەيتىلىپ، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرى كۈچلۈك نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ساقچىلار ئاھالىلەرنى توپلىشىپ كوچىدا تۇرۇش ۋە مېڭىشتىن توسقان. ئاھالىلەر بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىدا، ساقچىلار روزا تۇتۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئوچۇق ئەسكەرتىش بىلەن بىرلىكتە دوستلار ۋە تۇغقانلار ئۆزئارا ئىپتارلىشىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئەرەب دۆلەتلىرى ۋەكىللىرىنى ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بەخت سائادەت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلغان ئىدى. خەۋەردە يەنە ئەرەب ۋەكىللەرنىڭ زىيارەتلىرى داۋامىدا يۈزلىرىدىن كۈلكە ئۆكسىمىگەن كىشىلەرنى كۆرۈپ، خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىغا قايىل بولغانلىقىنى يازغانىدى. خىتاينىڭ تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرىدىكى كۆرۈنۈشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇ قېتىممۇ ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشاشلا تەيىنلىگەن ئىمام ۋە نامازخانلارنى بەلگىلەنگەن مەسچىتلەرگە توپلاپ، ئەرەب زىيارەتچىلەرنىڭ كۆزىنى بوياپ يولغا سالغان.