شىۋېيتسارىيە خىتاينىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قارىتا پاراكەندىچىلىك سېلىشى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى

بېرندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2025.02.14
shiwetsariye-uyghur-tibet-1 شىۋېيتسارىيە پايتەختى بېرندا ئۆتكۈزۈلگەن «شىۋېيتسارىيە ئۈچۈن قىزىل سىزىق» نامايىشىدا (ئوڭدىن) تىبەت ياشلار تەشكىلاتى خادىملىرى (1-، 2-)، پارلامېنت ئەزاسى نىكولاس ۋالدېر، پارلامېنت ئەزاسى كىرىستىنا بادەتشېر، خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتىدىن ئاننا لەيسېڭ ۋە شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى رىزۋانئاي ئىلھام. 2024-يىلى 18-سېنتەبىر، بېرن، شىۋېيتسارىيە.
RFA/Hebibulla Izchi

12-فېۋرال، شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نازارىتى ھەققىدىكى چوڭ ھەجىملىك دوكلاتنى ئېلان قىلدى. فېدېراتسىيە ھۆكۈمەت تور بېتىدە: «فېدېراتسىيە كېڭىشى شىۋېيتسارىيەدىكى تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت دوكلاتنى تەستىقلىدى، شىۋېيتسارىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت كۆچمەنلەر خىتاينىڭ چېگرا سىرتىدىكى باستۇرۇشلىرىغا ئۇچرىغان» دېيىلگەن بولۇپ، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلار كىشىنى چۆچۈتىدۇ.

شىۋېيتسارىيە پارلامېنتى، فېدېراتسىيە كېڭىشىگە خىتاينىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىق قىلغىلى تۆت يىل بولغان بولۇپ، مەزكۇر دوكلات باسېل ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى رالف ۋېبېر تەرىپىدىن تەييارلانغىلى بىر يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، فېدېراتسىيە كېڭىشىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمىنى ئۇزارتىش ئارزۇسى سەۋەبىدىن، دوكلاتنى ئېلان قىلىش كېچىكتۈرۈلگەنىدى.

ئەمما ئاخباراتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ چاقىرىقلىرى ۋە يېقىنقى كۈنلەردە شىۋېيتسارىيە ئاخباراتلىرىدا تارقالغان پارتلاتقۇچ خاراكتېرلىك خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر نەتىجىسىدە فېدېراتسىيە كېڭىشى 12-فېۋرال بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلغان.

بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» گېرمانچە ئاخبارات باياناتچىسى بېئات گەربەر (Beat Gerber) بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى.

شىۋېيتسارىيە پايتەختى بېرندا ئۆتكۈزۈلگەن «شىۋېيتسارىيە ئۈچۈن قىزىل سىزىق» نامايىشىدا (ئوڭدىن) ئەندىلى قاراخان(1-)، تىبەت تەشكىلاتى خادىملىرى(2-، 3-)، خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتىدىن ئاننا لەيسېڭ(4-)، پارلامېنت ئەزاسى كىرىستىنا بادەتشېر(6-) ۋە پارلامېنت ئەزاسى نىكولاس ۋالدېر(7-). 2024-يىلى 18-سېنتەبىر، بېرن، شىۋېيتسارىيە.
شىۋېيتسارىيە پايتەختى بېرندا ئۆتكۈزۈلگەن «شىۋېيتسارىيە ئۈچۈن قىزىل سىزىق» نامايىشىدا (ئوڭدىن) ئەندىلى قاراخان(1-)، تىبەت تەشكىلاتى خادىملىرى(2-، 3-)، خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتىدىن ئاننا لەيسېڭ(4-)، پارلامېنت ئەزاسى كىرىستىنا بادەتشېر(6-) ۋە پارلامېنت ئەزاسى نىكولاس ۋالدېر(7-). 2024-يىلى 18-سېنتەبىر، بېرن، شىۋېيتسارىيە.
RFA/Hebibulla Izchi

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «گەرچە ئۇزۇنغا سوزۇلغان بولسىمۇ، دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن مەمنۇن بولدۇق. بۇ دوكلات خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ‹خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشى› ھەققىدىكى دوكلاتىدا بايان قىلغانلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى: يەنى خىتاي شىۋېيتسارىيەدە ئۆكتىچىلەرگە بېسىم ئىشلىتىۋاتىدۇ. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، دوكلاتتا ئېنىق كۆرسىتىلگەندەك (بۇ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش شىۋېيتسارىيەدە ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىنى چەكلەيدۇ). ئەمما بەختكە قارشى، بۇنىڭغا قارىتا ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىرلىرى تولۇق ئەمەس. بىز بۇنىڭ يېڭىدىن تۈزۈلگەن خىتاي ئىستراتېگىيەسى ۋە نۆۋەتتىكى ئەركىن سودا كېلىشىمى دائىرىسىدىكى سۆھبەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى، كىشىلىك ھوقۇق تەسىرىنى باھالاشتا ئېتىبارغا ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز. شىۋېيتسارىيە چوقۇم كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى ئورنىدىن پايدىلىنىپ خىتاينى ئەيىبلىشى، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن سۆز قىلىشى كېرەك».

فېدېراتسىيە كېڭىشىنىڭ بۇ دوكلات ھەققىدە ئېلان قىلغان ئاخباراتىدا «شىۋېيتسارىيە دائىرىلىرىنىڭ دۆلەت ۋە خەلقئارادا ئاللىقاچان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يولغا قويۇۋاتقان تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالدىنى ئېلىش، ماسلاشتۇرۇش ۋە ئاڭلىقلىقنى ئاشۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار قوشۇمچە تەدبىرلەرنى تەۋسىيە قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشقا تاقابىل تۇرۇشتىكى مەۋجۇت قائىدە پىرىنسىپنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈش، فېدېراتسىيە، ئۆلكە ۋە شەھەر دەرىجىلىك دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئورگانلارنى سەزگۈرلەشتۈرۈشى كېرەك، شۇنداق بولغاندا ئۇلار بۇ خىل پائالىيەتلەرنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ ۋە ئۇلارغا يېتەرلىك جاۋاب قايتۇرالايدۇ» دېيىلگەن.

فېدېراتسىيە كېڭىشى، «بۇ دوكلات بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى تاشقى سىياسەت كومىتېتىنىڭ 20.4333-نومۇرلۇق قارارىنى ئورۇندىدى. فېدېراتسىيە كېڭىشى 21.3423-نومۇرلۇق سوئالغا بەرگەن جاۋابىدا، بۇ دوكلاتتا شىۋېيتسارىيەدىكى ئۇيغۇر مىللىتىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىغىمۇ دىققەت قىلىشقا قوشۇلدى» دەپ يېزىلغان.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» شىۋېيتسارىيە شۆبىسىنىڭ دىرېكتورى ئاننا لەيسېڭ (Anna Leiseng) خانىم ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتى، پارلامېنتى، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ تەدبىر قوللىنىش ئۈچۈن ۋەزىيەتنى بىلىشى ئىنتايىن مۇھىم. يەنە بىر تەرەپتىن دوكلاتتىن سىڭىپ كىرىش ۋە جاسۇسلۇققا ئائىت مەسىلىلەرنىڭ بەك كۆپ تەكىتلەنگەنلىكىنى بايقىدۇق. بۇنىڭ، خىتاينىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۇسلاشتۇرۇش ۋە جەمئىيەتكە نىسبەتەن قورقۇنچ ھەم ئىشەنچسىزلىك كەيپىياتى پەيدا قىلىدىغان قاراتمىلىقى بار. بىز فېدېراتسىيە كېڭىشىنىڭ ئىككى تەرەپلىك كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى دائىرىسىدە بۇ مەسىلىنى خىتاي بىلەن ھەل قىلىشنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ، بۇ خىل سۆھبەتنىڭ ئۈنۈمسىز ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان دەپ، قارايمىز. شۇڭا دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشقا ئېنىق بىر ئېنىقلىما بېرىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مۇۋاپىق قانۇنىي ئاساس يارىتىش كېرەك».

شىۋېيتسارىيە پايتەختى بېرندا ئۆتكۈزۈلگەن «شىۋېيتسارىيە ئۈچۈن قىزىل سىزىق» نامايىشىدا ئاننا لەيسېڭ ۋە خىزمەتداشلىرى سېلىنا موررېل، باسېل ۋە شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئەزالىرى، تىبەتلەر شىۋېيتسارىيە پارلامېنتىغا قىزىل سىزىق تەقدىم قىلغان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 18-سېنتەبىر، بېرن، شىۋېيتسارىيە.
شىۋېيتسارىيە پايتەختى بېرندا ئۆتكۈزۈلگەن «شىۋېيتسارىيە ئۈچۈن قىزىل سىزىق» نامايىشىدا ئاننا لەيسېڭ ۋە خىزمەتداشلىرى سېلىنا موررېل، باسېل ۋە شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئەزالىرى، تىبەتلەر شىۋېيتسارىيە پارلامېنتىغا قىزىل سىزىق تەقدىم قىلغان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 18-سېنتەبىر، بېرن، شىۋېيتسارىيە.
RFA/Hebibulla Izchi

مەزكۇر دوكلاتتا: «خىتاينىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى سىياسىي پائالىيەتچىلەرنى سىستېمىلىق كۆزىتىدىغانلىقى، سۈرەتكە تارتىدىغانلىقى ۋە بەزەن كىشىلەرنىڭ بىۋاسىتە تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى ھەم تور ھۇجۇمى ۋە ئالاقە پائالىيىتىنى نازارەت قىلىنغانلىقىدەك پاكىتلارمۇ بار»، دېيىلگەن.

خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلاردىن بىرى، شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئەندىلى قاراخان، بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىنىڭ ئارقىسىدىكى يىللارچە ئېلىپ بېرىلغان ئۈن-تىنسىز خىزمەتلەر ۋە يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە شىۋېيتسارىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرى ھەققىدىكى داغدۇغىلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزىنىڭمۇ ئەينى ۋاقىتتا بۇ دوكلات ئۈچۈن مەلۇماتلارنى بەرگەنلىكىنى ۋە بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى رادىيومىز ئارقىلىق ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلاتتا: «خىتاينىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر، تىبەت كۆچمەنلىرىنى داۋاملىق كۆزىتىش ۋە ئۇلارنى خىتايغا ئالداپ ياكى مەجبۇرىي قايتۇرۇش، جاسۇسلۇققا زورلاش، پىسخولوگىيەلىك بېسىم ۋە تەھدىت پەيدا قىلىپ مۇھاجىرەت توپلۇقىنى باستۇرۇش» ھەققىدىكى خىتاينىڭ ھەر خىل ھىيلە-مىكىر ۋە نەيرەڭلىرى ئېچىپ بېرىلگەندىن باشقا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ 1960-يىللاردىن كېيىنكى چەت ئەلگە كۆچۈش ئەھۋالى، بۇ كۆچۈشلەرنىڭ ئىزچىل تۈردە ھەر خىل يوللار بىلەن داۋام قىلغانلىقى، 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەلگە چىقىشىنىڭ تەسلەشكەنلىكى، ئەمما 2012-يىلدىن 2016-يىلىغىچە بۇ كۆچۈشنىڭ يۇقىرى سەۋىيە ياراتقانلىقى، 2017-يىلىدىن باشلاپ جازا لاگېرلىرىنىڭ ئاشكارا بولۇشى بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ كۆچۈشنىڭ توختىغان» لىقىدەك جەريانلارمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن ئانالىز قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.