ئاۋسترالىيەنىڭ سېدني شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۆتكەن يەكشەنبە يەنى 6 -نويابىر كۈنى جەمئىيەتنىڭ تۆتىنچى نۆۋەتلىك سايلىمىنى ئۆتكۈزگەن.
سايلامدا پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى مەمتىمىن ئەلا جەمئىيەتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. ئۇ جەمئىيەتنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سايلىمىدىمۇ بىر نۆۋەت رەئىس بولغان ئىدى. بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن بەختىيار بۆرە ئەپەندى بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى؛ جەمئىيەت رەئىسى مەمتىمىن ئەلا بولسا، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىدە سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتكە تەڭ ئېتىبار بېرىدىغانلىقى ۋە جەمئىيەتنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئەلچىخانىسى سۈپىتىدە ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.