ئاۋسترالىيەدە «ئۇنتۇلغان خەلق-ئۇيغۇرلار» ناملىق خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2014.11.24
22-نويابىر ئاۋسترالىيەنىڭ سيدېنىي شەھىرىدىكى خەلقئارا ئىزدەنگۈچىلەر تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىدە «ئۇنتۇلغان خەلق-ئۇيغۇرلار» ناملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.
مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنى ئاۋسترالىيەدىكى خەلقئارا ئىزدەنگۈچىلەر تەشكىلاتى بىلەن شۇ يەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە شۇنداقلا مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىدە ئىسلامىي ئىلىم ئېلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلغان.
بۇ نۆۋەتلىك خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىغا ئاۋسترالىيەدىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىن دېبوراھ مىگىن، خەلقئارا ئىزدەنگۈچىلەر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئىسلام دىنىي ئالىمى ئىمام ئافروز ئالىي، جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىي ئالىمى ئابدۇسالام ئابدۇغېنى ئالىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور مەمتىمىن ئەلا، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جۈرئەت ۋە شۇنداقلا ئاۋسترالىيەدىكى بىر قىسىم مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى تەكلىپ قىلىنغان.
يىغىن قۇرئان كەرىمىنى تېلاۋىتى بىلەن باشلانغان بولۇپ، يىغىندا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغان بەختىيار ئەپەندى بارلىق مېھمانلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ يىغىنغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىغا ئۆز رەھمىتىنى بىلدۈرگەن.
يىغىندا بىر قىسىم تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار نۆۋەت بىلەن سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇلار سۆزىدە ئاساسلىقى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىسلام دۇنياسىغا ئاڭلىتىش ئەھۋالىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، قانداق قىلغاندا ئۇيغۇر داۋاسىنى پۈتكۈل مۇسۇلمانلار ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر مەسىلىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە توختالغان.
يىغىن ئەتىگەن سائەت سەككىزدىن كەچ سائەت سەككىزگە قەدەر داۋاملاشقان بولۇپ، يىغىن جەريانىدا مېھمانلار ئالدىن تەييارلانغان لەززەتلىك ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەكلىرىگە، تاتلىق تۇرۇملىرىغا ئېغىز تەككەن.
بىز يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەزكۇر يىغىن ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن يىغىندا سۆز قىلغان بەختىيار ئەپەندى، جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىسلام دىنىي ئالىمى ئابدۇسالام ئابدۇغېنى ئالىم ۋە شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور مەمتىمىن ئەلا بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.