ئاتالمىش «تېررورغا قارشى ئاۋانگارت» ۋاڭ گاڭنىڭ ئىش-ئىزلىرىنىڭ چىنلىقى گۇمان قوزغىدى (1)

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتكەن خىتاي قوراللىق قىسىم ئەترەت باشلىقى ۋاڭ گاڭ ھەققىدە ئۆتكەن ھەپتە كەڭ كۆلەمدە تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

شىنخۇا تورى ۋە س س ت ۋ قاتارلىق خىتاينىڭ غوللۇق ئاخباراتلىرىدا ئېلان قىلىنغان ۋاڭ گاڭ ھەققىدىكى تەپسىلىي خەۋەردە ئۇنىڭغا «تېررورغا قارشى ئاۋانگارت» دەپ نام بېرىلگەن ۋە ئۇنىڭ 56 كۈن داۋام قىلغان قوغلاش ۋە يوقىتىش ئوپېراتسىيەسىدە كۆرسەتكەن ئاتالمىش باتۇرلۇقى ۋە پىداكارلىقىغا مەدھىيە، ئاپىرىنلار ئوقۇلغان. ئەمما ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ماقالىلەردە تىلغا ئېلىنغان ۋاڭ گاڭنىڭ ئىش-ئىزلىرىنىڭ چىنلىقى ئوقۇرمەن ۋە ئاڭلىغۇچىلاردا گۇمان قوزغىغان.

خەۋەرلەردە ۋاڭ گاڭنىڭ 56 كۈن ئۆيگە قايتمىغانلىقى پىداكارلىق سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان، ئەمما ئوقۇرمەنلەردىن بىرى، ئۇيغۇر رايونىدا ئۆيگە قايتماي ۋەزىپە ئۆتەشنىڭ ئادەتتىكى ئەھۋال ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ۋە يېزىلارغا چۈشكەن كادىرلارنىڭ يىل بويى ئۆيىگە قايتمايۋاتقانلىقىنى پاكىت قىلىپ كۆرسىتىپ، ۋاڭ گاڭنىڭ 56 كۈن ئۆيىگە قايتماسلىقىنىڭ پىداكارلىق بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا ئويغان، ئۇ يەنە بۇ نۇقتىدا خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ يۇقىرى مائاش تەمىناتى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن. خەۋەر ئارىسىدىكى بىر ماۋزۇدا ۋاڭ گاڭ قوماندانلىق قىلىۋاتقاندا قۇلاق تۈۋىدىن ئوقلار ئۇچۇپ تۇرغانلىقى تىلغا ئېلىنغان، خەۋەردىكى يەنە بىر تەپسىلاتتا گۇماندارلار ئاپتوماتىك قوراللار بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان بولغاچقا، ئەسكەر ۋە ئوفىتسېرلارنىڭ ئۆڭكۈر ئېغىزىغا يېقىنلىشالمىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن، ئەمما خەۋەرنىڭ يەنە بىر بۆلىكىدە، ئۆڭكۈرگە قارىتىپ ئوتچاچار قوللىنىلغاندىن كېيىن ئۆڭكۈر ئېغىزىدىن گۇماندارلارنىڭ پىچاق ۋە خەنجەر كۆتۈرۈپ ئېتىلىپ چىققانلىقى تەسۋىرلەنگەن. ماقالىدىكى بۇ زىتلىقتىن خىجىللىق ھېس قىلغان بىر ئوقۇرمەن، مەزكۇر زىتلىقنى تىلغا ئېلىپ خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى مەنتىقلىق گەپ قىلىشقا ئۈندىگەن ۋە ماقالىدىكى ئىككى تەپسىلاتتىن بىرىنىڭ چوقۇم ئويدۇرما ياكى كۆپتۈرمە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. ۋەتەنپەرۋەر تەخەللۇسلۇق يەنە بىر ئوقۇرمەن بولسا، گۇماندارلارنىڭ قولىدا ئۇلار ئۆلتۈرگەن تېرەك بازار ساقچىلىرى، ئالاھىدە ساقچى باشلىقى ۋە خادىمى، شۇنداقلا ساقچى باشلىقى مەمەت توختىنىيازدىن تارتىۋالغان قوراللار بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، گۇماندارلارنىڭ ئاپتوماتىك قوراللىرىدا ئوق تۈگىگەندىن كېيىن، پىچاق بىلەن ئېتىلىپ چىققانلىق ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن؛ ئەمما يەنە بىر ئوقۇرمەن بولسا ماقالىدە بۇ نۇقتىلارنىڭ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى، ئاخباراتنىڭ ئوقۇرمەنلەرنى ساددا چاغلىماسلىقىنى ۋە دائىرىلەرنىڭ خەلقنى ئۆز تەشۋىقاتىغا زورلاپ ئىشەندۈرۈش مېتودىن ۋاز كېچىشىنى تەۋسىيە قىلغان.

مەزكۇر ماقالىدە دېيىلىشىچە، ۋاڭ گاڭ بىر كۈنى يولدا غەمكىن كېتىۋاتقان 9 ياشلىق بىر قىزنى ئۇچراتقان ۋە ئۇنى چاقىرىپ ھال-ئەھۋالىنى سورىغان، قىز دادىسى دوختۇرخانىدا ئاغرىق بولغاچقا، مەكتەپنى داۋاملاشتۇرالمىغانلىقىنى بايان قىلغان؛ شۇنىڭ بىلەن ۋاڭ گاڭ دوختۇرخانىغا بېرىپ قىزنىڭ دادىسىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلغان ۋە بۇ قىزنىڭ مەكتەپنى داۋاملاشتۇرۇش ئارزۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ بەرگەن. ماقالىدە ۋاڭ گاڭ ياردەم قىلدى دېيىلگەن بۇ قىزنىڭ ئىسمى ئايگۈل دېيىلگەن، ئەمما ئۇنىڭ قايسى ناھىيە، قايسى يېزىدا ئولتۇرۇشلۇق ئائىلىدىن ئىكەنلىكى ۋە ۋاڭ گاڭ يوقلاپ بارغان دوختۇرخانىنىڭ قايسى دوختۇرخانا ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان. ھەممىگە مەلۇمكى، خەۋەردە ئورۇننىڭ ئايدىڭ بولۇشى ئاخباراتتىكى ئەڭ ئەقەللىي 6 تەلەپتىن بىرى. ياردەم قىلدى دېيىلگەن 9 ياشلىق ئايگۈلنىڭ ئورۇن تەۋەلىكىنىڭ يېزىلماسلىقىمۇ بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەردە گۇمان قوزغىغان. بىز بۇ نۇقتىنىڭ چىنلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئاقسۇ بايدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا تېلېفون قىلدۇق. ئاقسۇدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر ساقچى خادىمى، ۋاڭ گاڭنىڭ يۇقىرىقىدەك ئىش-ئىزلىرىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. خىتاي ئاخباراتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ گاڭ بۇنىڭدىن 6 ئاي بۇرۇنمۇ بىر قېتىم مۇكاپاتلانغان ۋە ئىش-ئىزلىرى ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ-كۆلەمدە تەشۋىق قىلىنغان، ھەتتا ساقچىلارنىڭ كۈندىلىك سىياسىي ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىدە ۋاڭ گاڭ ھەققىدىكى يازما ماتېرىياللار ئۆگىتىلگەن، ئەمما تېلېفون زىيارىتىمىز داۋامىدا، بەزى ساقچىلار ۋاڭ گاڭنىڭ ئىش-ئىزىلا ئەمەس، كىملىكىدىنمۇ خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ گاڭنىڭ نام-شەرىپى ئۇيغۇر ساقچى-خادىملىرىغىمۇ قاراڭغۇ، ئۇيغۇر ساقچىلاردىن بىرى، ۋاڭ گاڭ ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا مەلۇماتسىزلىقى سەۋەبىدىن جاۋاب بېرەلمىدى.

ئالتە ئاي بۇرۇن ھەققىدە تەشۋىقاتلار باشلانغان، بىر ھەپتە ئاۋۋال يەنە خىتاي مىقياسىدا ئىش-ئىزلىرى خەۋەر قىلىنغان ئاتالمىش «تېررورغا قارشى ئاۋانگارت» ۋاڭ گاڭنىڭ كىملىكى ۋە ئىش-ئىزلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچى خادىملىرى تەرىپىدىنمۇ ئەسلىنەلمەسلىكى، ۋاڭ گاڭنىڭ ئىش-ئىزلىرىنىڭ چىنلىقى ھەققىدىكى گۇماننىڭ نىسبەتەن ئومۇمىيلىقىدىن ۋە ئۇنىڭ تەسىرىدىن ئىشارەت بەرمەكتە.