خىتاي ب د ت غا ئېتىراز بىلدۈردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.02.17

16-فېۋرال خىتاينىڭ ب د ت دىكى ۋەكىللىرى ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ب د ت غا ئېتىراز بىلدۈردى.

17-فېۋرال ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ مەسئۇلى ھۈسسەيىن 16-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدىن ئۆتكەن يىلى 7-ئايدىن بۇيان قولغا ئېلىنغان ئادۋوكاتلارنى قويۇپ بېرىشنى ۋە خوڭكوڭ كىتابخانىسىدىن قولغا ئېلىنغان كىتابپۇرۇشلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشنى چاقىرىق قىلغان ھەمدە خىتاينىڭ ئادۋوكاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە بولغان باستۇرۇشلىرىدىن چۇڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ داۋاملىق ئادۋوكاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ قانۇنلۇق پائالىيەتلىرىنى جەمئىيەت تەرتىپىگە تەھدىت يارىتىش ۋە بىخەتەرلىك بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.

ب ب س خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ۋەكىللىرى 16-فېۋرال كۈنى دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ ئېتىراز بىلدۈرۈپ: «قولغا ئېلىنغان ئادۋوكاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا جىنايى ھەرىكەتلىرى بارلىقى، بۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق چەكلىمىسى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقى» نى تەكىتلىگەن. ئىككىنچىسى، «خوڭكوڭ تۇڭلۇۋەن كىتابخانىسى خادىمى لى بونىڭ ساقچىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئۈچۈن خىتايغا ئىختىيارلىقى بىلەن كەلگەنلىكى، بۇ ئۆزىنىڭ تاللىشى ۋە شەخسىي ھوقۇقى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى چېكىشنى ۋە بۇ ئەنزىنىڭ مۇرەككەپلىشىپ كېتىشىنى خالىمايدىغانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويغان.

ب ب س خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، خىتاي ۋەكىللىرى شۇنداق دېگەن: «جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي خادىمىنىڭ قايمۇقتۇرۇش خاراكتېرلىك باياناتىدىن ئىنتايىن نارازى ھەمدە ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قەتئىي قوشۇلالمايدۇ.»

خىتاي ۋەكىللىرى ئېتىرازىدا يەنە شۇلارنى تىلغا ئالغان: «بۇ دېلولاردىكى ئادۋوكات ئاتالغان كىشىلەر بولسا جەمئىيەت تەرتىپىگە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغان زور جىنايى گۇرۇھ، ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى ئىسپاتلايدىغان ئېنىق دەلىللەر بار.»

مەزكۇر خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ نارازىلىق باياناتىدا يەنە بۇ ئاتالمىش جىنايى گۇرۇھنىڭ «بېيجىڭ فېڭرۈي ئادۋوكاتلار ئىش بېجىرىش ئورنى» دىن پايدىلىنىپ، جىنايەت تەشكىللىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇلارنىڭ جىنايىتى «ئاممىۋى بىخەتەرلىككە، تەپتىش ۋە ئەدلىيە ئىشلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جامائەت توپلاپ ئاممىۋى سورۇنلاردا غوۋغا چىقىرىش، ئىجتىمائىي تەرتىپ ۋە قانۇن تەرتىپلىرىگە پاراكەندىچىلىك سېلىش، خەلقنى قۇترىتىپ قالايمىقان تېلېفون ئۇرغۇزۇپ، ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ھاقارەتلەش، ئۇلارغا بوھتان چاپلاش، تەھدىت سېلىش، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئەدلىيە ۋە ساقچى خادىملىرىغا پوپوزا قىلىش» دېيىلگەن. قولغا ئېلىنغان بۇ ئادۋوكاتلارنىڭ يەنە «شىركەت مۈلكىنى ئېلىۋېلىش، باج ئوغرىلاش ۋە ئالدامچىلىق قىلىش» تەك ئېغىر ئىقتىسادىي جىنايەتلىرى بارلىقى تىلغا ئېلىنغان.

بىراق، باش شتابى خوڭكوڭدا بولغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتىدا، 2015-يىلى 7-ئايدىن بۇيان قولغا ئېلىنغان ئادۋوكاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى سانىنىڭ 250 نەپەر ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنى بويىچە ئىش كۆرگەن كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ مەسىلە ھەققىدە قاراشلىرىنى بايان قىلغاندا، قانۇن دۆلىتى بولمىغان خىتايدا قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈشنىڭمۇ جىنايەت بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خوڭكوڭلۇق خىتاي زىيالىيسى مانيان بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى جىنايەتكار ھېسابلاۋاتقان بۇ ئادۋوكات ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ، ئەمەلىيەتتە كومپارتىيە سىياسىتىدىكى خاتالىقلارغا سۈكۈت قىلىشنى خالىمىغان مۇخالىپ پىكىردىكى ئىنسانلاردىن ئىبارەت بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە شۇلارنى تىلغا ئالدى: «شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە ئىش كۆرگەن، قانۇن بويىچە ياشاشنى تەشەببۇس قىلغان، خەلقنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداشنى ئۈستىگە ئالغان ئادەملەرنى دۈشمەن سېپىگە ئىتتىرىپ جازالاۋاتىدۇ. بۇ، ئەمەلىيەتتە كومپارتىيىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى شاپىلاقلىغانلىقى، ئۆز قانۇنىنى ئۆزلىرى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئېنىق دەلىلى. بۇنى ھەرقانداق باناھى سەۋەبلەر بىلەنمۇ ئاقلىيالمايدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.