ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىشى ئۆز نۆۋىتىدە ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئورۇن ئېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بارغانسېرى كۆپ ساھەلەرنىڭ، جۈملىدىن بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭمۇ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. 26-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ بىۋاسىتە ساھىبخانىلىقىدا چاقىرىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى.
ئىككى سائەتتىن كۆپرەك داۋام قىلغان بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا ئالدى بىلەن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى كرىستوفېر سىمىس نۇقتىلىق قىلىپ «يەر شارى ماگنېتسكى قانۇنى» ھەققىدە سۆز قىلدى. ئۇ بۇ قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا دائىر بەزى ئەمەلىي مىساللار قاتارىدا بېلاروسىيەدىكى دىكتاتور لوكاشېنكونىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ئۈچۈن جازاغا تارتىلغانلىقىنى بايان قىلغاچ بۇ قانۇننىڭ ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم روللارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن بۇنى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان «قاباھەتلىك قىرغىنچىلىق» قا جاۋابكار كىشىلەرگە تەدبىقلاشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالنىڭ تولىمۇ ئېغىر كرىزىس ھالىتىگە يەتكەنلىكىنى، مەلۇم نۇقتىدىن ئالغاندا مىليون ساندىكى كىشىلەرنىڭ «ئۆگىنىش مەركىزى» نامىدىكى تۈرمىلەرگە كوللېكتىپ ھالدا قامىلىشىنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ناتسىستلارنىڭ زور كۆلەملىك يىغىۋېلىش لاگېرلىرى بەرپا قىلغىنىغا ئوخشايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھادىسىلىرىنىڭ يەنە ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان «مەجبۇرىي ھامىلە چۈشۈرۈش» قىلمىشى ئارقىلىقمۇ كۆپلەپ سادىر بولغانلىقىنى ئەسلەتتى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكى گۇۋاھچىلاردىن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى گۈلچېھرە ئۆزىنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدىكى خىزمىتى ئۈچۈن ئۈرۈمچى ۋە غۇلجا قاتارلىق جايلاردىكى نەچچە ئونلىغان تۇغقانلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئاتا-ئانىسى ۋە ئىنىسىنىڭ يىغىۋېلىش مەركەزلىرىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ھەمدە شۇ يوسۇندا نۆۋەتتە قامىلىۋاتقان بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر تۇتقۇنلار قاتارىغا قوشۇلۇپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا نۆۋەتتە دىكتاتورلۇق ئاساسىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنى تاشقى دۇنياغا ئاشكارىلاۋاتقان ھەرقانداق پائالىيەتنى «ئېغىر جىنايەت» دەپ قاراۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۆزىگە ئوخشاش قىسمەتكە دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئۇيغۇرلار دىيارىدا نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە دۇنياغا ھەقنى يەتكۈزۈشتەك مەجبۇرىيەتتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭدا كۆپلىگەن مۈشكۈلاتلارغا دۇچ كەلسىمۇ ئۆزىنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن بۇ گۇرۇپپىدىكى گۇۋاھچىلاردىن رايان سام سۆز ئالدى. ئامېرىكىدىكى لويولا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور رايان سام ئۆتكەن ئون نەچچە يىل مابەينىدە ئۇيغۇر دىيارىغا كۆپ قېتىم سەپەر قىلغان، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ۋە خىتاي تىللىرىغا پۇختا بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، قەشقەر ۋە خوتەندىن تارتىپ ئۈرۈمچىگىچە بولغان جايلاردا ئەمەلىي تەكشۈرۈش ۋە ئۆگىنىشتە بولغان. ئۇ بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىغا دائىر كۆپلىگەن نادىر ئەسەرلەرنى نەشر قىلدۇرغان. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە كەچۈرمىشلىرى ۋە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن ئۇيغۇرلار دىيارىدا نۆۋەتتە ئىجرا بولۇۋاتقان ئەھۋالنى «تەخىرسىز جىددىي ۋەزىيەت» دەپ قاراش لازىملىقىنى تەكىتلىدى. پروفېسسور راياننىڭ پىكرىچە، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئون پىرسەنتى ياكى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر قامالغان» دېگەن مەلۇماتلار 2018-يىلى يانۋاردا تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولغان. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىنكى يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا بۇ خىلدىكى تۇتقۇنلار تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە ۋە زور كۆلەمدە داۋام قىلغان. ئەمما بۇ لاگېرلاردىن قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ سانى يوقنىڭ ئورنىدا. تېخىمۇ مۇھىمى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار ئېلانلىرى ۋە باشقا كۆپلىگەن ئۇچۇرلار بۇ خىلدىكى لاگېرلارنىڭ كۆپلەپ سېلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. شۇڭا مۇشۇ مەزگىلدە يەنە قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ بۇنداق لاگېرلارغا قامالغانلىقى نامەلۇم ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن نۆۋەتتە ھەرقايسى جايلاردىكى ناھىيىلەردە ئۇيغۇرلار زور ساندا غايىب بولۇشقا باشلىغانلىقتىن كۆپلىگەن دۇكانلار ۋە ئۆيلەر بوش قالغان. يالغۇز قەشقەردىكى بىر ناھىيىدىلا ئۆتكەن بىر يىلدا يېڭىدىن 18 دارىلئېتام سېلىنغان. چۈنكى ئاتا-ئانىلىرى «تەربىيىلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەن قارانچۇقسىز بالىلارنىڭ سانى زور دەرىجىدە كۆپەيگەن.
شۇنىڭدىن كېيىن رايان سام بۇ خىل «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نىڭ ئاساسىي جەھەتتىن قورقۇتۇش ۋە مەجبۇرلاش شەكلىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسلۇبىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ چىقىشنى ئاخىرقى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك كۆپلىگەن خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ مۇشۇنداق قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قاراۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭدا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ 20 ياش بىلەن 40 ياش ئارىسىدىكى كىشىلەرنىڭ نۇقتىلىق يوقىتىش نىشانى بولۇۋاتقانلىقىنى، گەرچە ھازىرقى ئۇچۇرلار سان جەھەتتە ئانچە كۆپ بولمىغان قىيناق ۋە ئۆلۈم ۋەقەلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتسىمۇ، بۇنىڭدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق بولغان زور كۆلەملىك قىرغىن شەكلىنىڭ ھازىرچە كۆرۈلمىگەنلىكىنى، ئەمما ئاخىرقى يوسۇندا بۇنداق قىرغىننىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى كونترول قىلىشنىڭ ھازىرچە مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
ئارقىدىن ئامېرىكىدا چىقىدىغان «خىتاي ئارخىپلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئالىي مۇھەررىرى جېسسىكا بېكى سۆز ئالدى. ئۇ ھازىرقى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇنچە زور ساندىكى ئۇيغۇرلار قامالغان بۇ جايلارنى «ئۆگىنىش مەركىزى»، «ئۆزگىرىش مەركىزى» دېگەندەك چىرايلىق ناملار بىلەن ئاتىۋالغان بىلەن بۇ جايغا قامالغانلارنىڭ قاباھەت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، ئەمما بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ مەركەزلەرگە نىشانلىق بولغان مىللىي ۋە دىنىي تەركىپكە مەنسۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ قامالغانلىقىغا قاراپ بۇ جايلارنى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكىگە ئوخشاش «يىغىۋېلىش لاگېرى» دەپ ئاتاۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىخ ھالىتىدىكى بۇ بىشارەتلەرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى لازىملىقىنى، بولمىسا بۇنىڭدىنمۇ دەھشەتلىك بولغان ئاقىۋەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى ئاددىي مەسىلە قاتارىدا قارىماسلىق، بىر قىسىم مۇسۇلمان ئەللىرى بىلەن ئالاقىدە بولۇپ، خىتايغا ئومۇميۈزلۈك بېسىم پەيدا قىلىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدىكى يالغان-ياۋىداقلىرىغا ئالدىنىپ قالماسلىق، ئامېرىكىغا ياكى باشقا جايلارغا قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارغا قولىدىن كېلىدىغان ياردەمنى ئايىماسلىق دېگەندەك بىرنەچچە تەكلىپنى سۇندى. شۇنداقلا «ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە سۈكۈت قىلىشىمىزنى بىتەرەپ تۇرغانلىق، دەپ ئويلاش بىر تۈرلۈك خاتالىق. ھەر قېتىم مۇشۇنداق قىلساق خىتاينىڭ خورىكىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىنسان ھەقلىرىنىڭ قۇربانلىرىنى كۆپەيتىۋالىمىز» دېدى.
ئاخىرىدا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو گۇۋاھچىلاردىن سوئاللار سورىدى. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ھادىسىلەرنى ھەقىقەتەنمۇ ئۇششاق مەسىلىلەر قاتارىدا ئويلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ كېلىپ: «ئەگەر مۇشۇنداق ئىشلار دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا بولغان بولسا بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر پۈتكۈل گېزىتلەرنى بىر ئالغان بولاتتى» دېدى. شۇنداقلا بۇ ھادىسىنى «21-ئەسىردىكى دۇنيانىڭ كەلگۈسىدىنمۇ مۇھىم بولغان ئەھۋال» دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىلدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا سۆزلەنگەن نۇتۇقلار ۋە تەكلىپلەر بىردەك ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ شۇ مەسىلە ھەققىدە قارار ۋە قانۇن لايىھىسى چىقىرىشىدىكى تايانچ پاكىتلار بولىدىكەن. ئالاقىدار شەخسلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ كۆپىيىشى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن زور دەرىجىدە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەۋاتقانلىقى مەلۇم.