د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن سۆھبەتتە بولدى
2019.02.18
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە نوپۇزلۇق تەشكىلاتى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە ۋە باشقا جايلاردا ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچرىشىپ تۈرلۈك سۆھبەتلەردە بولۇپ كەلگەن ئىدى. يېقىندا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمنىڭ خىزمەت زىيارىتى ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەلگەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەتلىشىش پائالىيىتىنى تەشكىللىدى.
شەنبە كۈنى چۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باشقا پائالىيەتلىرىگە ئوخشاشلا ئالدى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشى» بىلەن باشلاندى. پائالىيەتكە كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتى بىردەك ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئاي-يۇلتۇزلۇق بايراققا ھۆرمەت بىلدۈردى.
دۆلەت مارشىدىن كېيىن د ئۇ ق ئىجرائىيە تەپتىشى ئابلىكىم ئىدرىس ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن ھازىرغا قەدەر ئەزىز جانلىرىنى پىدا قىلغان شېھىتلارنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمە-قۇرئان قىلدى. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ دۇئاغا قول كۆتۈرۈشى بىلەن جامائەت بىرلىكتە دۇئا قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىقى ھەمدە نۆۋەتتىكى تۈرلۈك مۈشكۈلاتلارغا ئاسانچىلىق بولۇشنى تىلىدى.
پائالىيەتنىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئۇيغۇر جامائىتىگە سۆز قىلىش پۇرسىتىنى دولقۇن ئەيساغا بەردى. دولقۇن ئەيسا سۆزىدە ئالدى بىلەن د ئۇ ق ئۆتمۈشتە بېسىپ ئۆتكەن ئەگرى-توقاي يوللارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەندىن كېيىن د ئۇ ق نىڭ ماھىيەتتە 1933-ۋە 1944-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە ۋۇجۇدقا كەلگەن سىياسىي گەۋدە ئىكەنلىكىنى، د ئۇ ق نىڭ 2004-يىلى ھازىرقى نامنى ئالغاندىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 1950-يىللاردا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپ تېكىن ۋە مۇھەممەتئىمىن بۇغرا باشچىلىقىدىكى مۇجادىلە ھەرىكىتىنى يېڭى بىر سەۋىيەگە ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن قانداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
دولقۇن ئەيسا ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخىي شارائىتنى ئەسلەپ ئۆتكەچ ئۇيغۇرلارنىڭ مەرھۇم لىدېرلىرى ئۇيغۇر داۋاسىنى تۈركىيە ۋە باشقا جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەرگە ئاڭلىتىش جەريانىدا ماددىي شارائىتنىڭ كەمچىللىكى، كادىرلار قوشۇنىنىڭ يوق دېيەرلىك بولۇشى، ئۇيغۇرلار ھەققىدە تاشقى دۇنيانىڭ ھېچقانداق مەلۇماتىنىڭ بولماسلىقى قاتارلىق قاتمۇ-قات توسقۇنلۇقلار ئالدىدا بەل قويۇۋەتمەي نەچچە ئون يىللاپ ئۇيغۇر داۋاسىنى داۋام ئەتتۈرگەنلىكىگە يۈكسەك باھا بەردى. شۇنىڭدەك نۆۋەتتە ئاشۇ يىللاردا ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن شارائىت چەكلىمىسىنىڭ قىستىشىغا باش ئەگمەستىن ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلدۇرغان پىداكارلارنىڭ ئەڭ زور ئۇتۇقلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە 1992-يىلى «دۇنيا شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى» ئېچىلغانلىقىنى، ئۇنىڭدا ئېلىنغان بىر قاتار قارار ۋە لايىھەلەرنىڭ ھازىرغا قەدەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى بولۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئەمما دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى ۋاقىتتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ سەركىلىرى داۋا يولىدا دۇچ كەلگەن كۆپلىگەن ماددىي قىيىنچىلىقلار ھازىر مەۋجۇت بولمىسىمۇ، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ قارشى مەيدانىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ داۋا ئۈچۈن ئەڭ زور زور دۈشمەن بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ بۇ داۋانى بوغۇپ تاشلاش ئۈچۈن سەرپ قىلغان غايەت زور مىقداردىكى ماددىي خىراجىتى، خىتاي دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ بىۋاسىتە قول تىقىشى بىلەن ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ھە دېسىلا خەلقئارا سورۇنلاردا چەكلىمىگە ئۇچرىشى سەۋەبىدىن د ئۇ ق نىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنى خەلقئارادىكى ب د ت، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، ياۋروپا پارلامېنتى قاتارلىق سىياسىي مەركەزلەرگە ئېلىپ كىرىشى كۆپلىگەن توسالغۇلارغا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن د ئۇ ق ۋە باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مىليارد دوللارلاپ مالىيە خىراجىتى ئاجرىتالايدىغان خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تىغمۇ-تىغ «دىپلوماتىيە ئۇرۇشى» قىلىشى ئەنە شۇنداق غايەت زور كۈچلەر پەرقى شارائىتى ئاستىدا داۋام قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن. يەنە كېلىپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا مۇنبەرلەرگە چىقماستىنلا ئۇجۇقتۇرۇپ تاشلاشقا كۈچەۋاتقان ھازىرقىدەك پەيتتە ئۇيغۇر دەۋاسى غەرب دۇنياسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ جانىجان مىللىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ھېچقاچان پەۋقۇلئاددە ئورۇن ئىگىلىمەيدىغان ئەھۋالدا دۇنيانى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا رىغبەتلەندۈرۈش خىزمىتى ناھايىتى سەۋرچانلىق بىلەن ئىشلىنىدىغان كۆپ قاتلاملىق، كۆپ باسقۇچلۇق خىزمەت بولۇپ قالماقتا ئىكەن.
دولقۇن ئەيسا سۆزىنىڭ داۋامىدا ئۆتكەن 60 نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىۋېتىشتەك دۆلەت سىياسىتىنى ئۆزىنىڭ ھەرقايسى دەۋرلەردىكى سىياسىي مالىمانچىلىق مەزگىللىرىدىمۇ ئاغماستىن ئىجرا قىلىپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى ۋاقىتقا كەلگەندە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىشتىن بۇ ھەقتە ئۆزلىرىنى پەردازلاشقا ئۆتكەنلىكىنى ماھىيەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئەڭ چوڭ غەلىبىلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بۇ قېتىمقى يىغىن مەيدانىنى ئازغىنە رەسمىيەت ھەققى بىلەنلا ئارىيەتكە بەرگەن ترۇرو ئانگليان چېركاۋىنىڭ مەسئۇل خادىملىرىدىن خۇسەك گۇرىيگېلمۇ سەھنىگە چىقىپ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىسمەتلەردىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىگە ۋە ئادالەتكە دۇئا قىلىدىغانلىقىنى، شەخسەن ئۆزىنىڭ خىتايغا ساياھەتكە بارغاندا سېتىۋالغان «ئۇيغۇر» چە تارغاق بىلەن چېچىنى تاراش ئارقىلىق ھەر كۈنى ئۇيغۇرلارنى ياد ئېتىدىغانلىقىنى بايان قىلغاندا زالدا قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى.
شۇ قاتاردا ئامېرىكىدىكى تېببىي پەنلەر ئالىمى رىشات ئابباسمۇ ئۆزلىرىنىڭ 1998-يىلى غۇلامىدىن پاختا، دولقۇن قەمبىرى، ئەركىن سىدىق قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنى قانداق قۇرۇپ چىققانلىقىنى، شۇ ۋاقىتلاردىلا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ «مۇستەقىللىق ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈك ئېلىپ كېلىش» شوئارى ئاستىدا ئىش باشلىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىدا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق مۇھىم روللارنى ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئارىلىقتا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن سۆز ئېلىپ ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن ئەجىر قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر داۋاسىدا بىرەر رەھبەرلىك ۋەزىپىسىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئىش باشلىمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پەقەت شەخسىي پىداكارلىق ئۈچۈن بۇ يولغا ماڭغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدا سايلام بىلەن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان شەخسلەر قىسمەن كىشىلەرگە ياقمىغان ھالەتتىمۇ بۇنى «دۈشمەن» لىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ چىقىشنىڭ ماھىيەتتە ئۇيغۇرنىڭ پۇتىغا پالتا چاپقانلىققا باراۋەر بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
د ئۇ ق نىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرىدىن ئۆمەر قانات، زۇبەيرە شەمسىدىن، ئابلىكىم ئىدرىس، دىلمۇرات سۇلايمان قاتارلىقلارمۇ ئالاقىدار مەسىلىلەر بويىچە چۈشەنچە بەرگەندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىگە خاس ئائىلىۋىي پاجىئەلەرنى ھەرقايسى جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەرگە قانداق يوسۇندا ئۇقتۇرۇشى، ئۇيغۇرلۇق بەدەل پۇلىنىڭ توپلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى، ئامېرىكىدىكى ياشلارنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن قانداق مۇناسىۋەتتە بولۇشى، يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر ئائىلىۋى تەربىيەسىدە كېيىنكى ئەۋلاد ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە مىللىي داۋا ئېڭىنى قانداق سىڭدۈرۈش قاتارلىق كۆپلىگەن تېمىلار بويىچە يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بەس-بەستە سوئاللار سورىدى. د ئۇ ق نىڭ رەھبەرلىرىمۇ ئايرىم-ئايرىم سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، بىر قىسىم كىشىلەرگە مۈجمەل بولۇپ تۇرۇۋاتقان بەزى ئەھۋاللارنى تېخىمۇ ياخشى يورۇتۇپ بەردى.
پائالىيەت ئاخىرىدا بىز ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەننى ئايرىم زىيارەت قىلدۇق. بىز ئۇنىڭدىن د ئۇ ق ھەققىدە تور دۇنياسىدا كۆپلىگەن تەييار ئۇچۇرلار بار بولغان ئەھۋالدا نېمە ئۈچۈن بۇنداق بىر پائالىيەتنى تەشكىللىگەنلىكىنى سورىدۇق. ئېلشات ھەسەن بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ھازىرقى رېئال ئەھۋالىنى ئۇيغۇر جامائىتىگە تېخىمۇ ياخشى تونۇتۇشتا بۇنداق بىر پائالىيەتنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى سۆھبەت پائالىيىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىكى بىر قىسىم ئۇقۇشماسلىقلار تۈگىتىلىپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇيغۇر جامائىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا قوللاش ۋە چۈشىنىش تېخىمۇ چوڭقۇرلىغان. نۆۋەتتە بۇ ھالنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ تېخىمۇ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا ياردەمدە بولۇشى ئۈمىد قىلىنماقتا ئىكەن.