5-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ياپونىيە ۋەكىللىرىنىڭ قاراشلىرى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.07.14
duq-5-qurultay-yaponiye-wekili.jpg ياپونىيەدىن د ئۇ ق نىڭ 5-نۆۋەتلىك قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەردىن تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن غالىپ مىجىت. 2016-يىلى 13-ئىيۇل، پارىژ.
RFA/Qutluq

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 11-ئىيۇل كۈنى پارىژ شەھىرىدە باشلانغان 5-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 13-ئىيۇل كۈنى ئاخىرلىشىپ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئۆز جايلىرىغا قايتىشقا باشلىغان.

مۇخبىرىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوندىن ئارتۇق دۆلەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ 130 دىن ئارتۇق ۋەكىلى، مۇتەخەسسىسلەر، پائالىيەتچىلەر قاتناشقان مەزكۇر يىغىن جەريانىدا ئەركىن سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ، يېڭى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بېكىتىلگەندىن باشقا يەنە قۇرۇلتاي جەريانىدا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، ياۋروپا ئەللىرىدىن كەلگەن بىر قىسىم ۋەكىللەر ئۆز تەشكىلاتلىرى، جەمئىيەتلىرى نامىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىنى قانداق ئېلىپ بېرىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ھەر خىل پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم تەكلىپلەرنى سۇنغان شۇنىڭدەك ئەركىن مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بارغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەرب ئەللىرىدىن باشقا يەنە ياپونىيەدىكى خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مۇھىم دەپ قارىغان بولۇپ، ياپونىيەدىن كەلگەن ۋەكىللەر يىغىندا ئۆزلىرىنىڭ تەكلىپلىرىنى ئاكتىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. مەلۇمكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشلىق قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ئىلگىرى كۆپ قېتىم ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغان ئىدى. ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ياپونىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئىگىلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىس سېيىت تۈمتۈرك د ئۇ ق نىڭ ياپونىيەدىكى خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى ۋە قۇرۇلتاينىڭ ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىدىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.