رابىيە قادىر خانىم: «تۈرك تەشكىلاتلىرى قۇرۇلتىيىمىزنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىدا زور ياردەمدە بولدى»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.07.19
duq-qurultay-turkler.jpg

تۈرك فېدېراتسىيون تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرى د ئۇ ق 5-نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا خاتىرە سۈرەتتە. 2016-يىلى 13-ئىيۇل، پارىژ. RFA/Qutluq

duq-qurultay-turkler-1.jpg

(سولدىن ئوڭغا) تۈرك ئوبجەچتىۋ 21 تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى تەھسىن د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئەركىن بىلەن. 2016-يىلى 8-ئىيۇل، پارىژ. RFA/Qutluq

duq-qurultay-turkler-2.jpg

تۈرك ئوبجەچتىۋ 21 تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى تەھسىن(سولدىن بىرىنچى) ۋە فىرانسىيەلىك مۇزبىر ئۇرسۇلا(سوكدىن ئۈچىنچى) 5-ئىيۇل ۋەقەسى ۋە ئىلھام توختى توغرىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا. 2016-يىلى 8-ئىيۇل، پارىژ. RFA/Qutluq

duq-qurultay-turkler-3.jpg

تۈرك فېدېراتسىيون تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى د ئۇ ق 5-نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا خاتىرە سۈرەتتە. 2016-يىلى 13-ئىيۇل، پارىژ. RFA/Qutluq

duq-qurultay-turkler-4.jpg

تۈرك فېدېراتسىيون تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى د ئۇ ق 5-نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا خاتىرە سۈرەتتە. 2016-يىلى 13-ئىيۇل، پارىژ. RFA/Qutluq

duq-qurultay-turkler-5.jpg

تۈرك فېدېراتسىيون تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى د ئۇ ق 5-نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا خاتىرە سۈرەتتە. 2016-يىلى 13-ئىيۇل، پارىژ. RFA/Qutluq

5-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 11-ئىيۇلدىن 13-ئىيۇلغىچە قەدەر پارىژدا غەلىبىلىك ئېچىلىشىدا ياۋروپا ۋە تۈركىيەدىكى تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن كۈچلۈك ياردەمدە بولغان بولۇپ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە توختالدى.

ياۋروپادا ئۆزىنىڭ بەلگىلىك رولىنى كۆرسىتىۋاتقان پارىژدىكى تۈرك تەشكىلاتلىرىدىن «ئوبجېكتىپ 21 تەشكىلاتى» نىڭ مەسئۇلى تەھسىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «مەن ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پارىژغا يىغىلىپ بىزگە شەرەپ ۋە غۇرۇر ئاتا قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. بىز ئىلگىرىدىن باشلاپ قولىمىزدىن كېلىشىچە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ياۋروپادىكى سىياسىي سەھنىلىرىمىزدە تونۇشتۇردۇق ۋە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش بىزنىڭمۇ ھەم مۇقەددەس بۇرچىمىزدۇر» دېدى.

تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ياردىمىدىن مەمنۇن بولغان رابىيە قادىر خانىم بۇ تەشكىلاتلارغا ئۆزىنىڭ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، بۇ خىل قوللاشنى قېرىنداشچە مېھىر-شەپقەت دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈرك «ئوبجېكتىپ 21 تەشكىلاتى»نىڭ مەسئۇلى تەھسىن سۆھبىتىمىز جەريانىدا، پارىژدىكى تۈرك ئەلچىخانىسىدىكى زىياپەتتە ئۆزىنىڭ خىتاي دىپلوماتى ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق سۆھبىتىنى ئەسلەپ:«2015-يىلى پارىژدىكى ئەلچىخانىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە دۆلەت بايرىمىنى قۇتلۇقلاش زىياپىتىدە تۇيۇقسىز بىرى يېنىمغا كېلىپ " سىز بىلەن پاراڭلاشسام بولامدۇ؟" دېدى. مەن ئۇنىڭدىن "سىز كىم بولىسىز؟" دەپ سورىسام. ئۇ كىشى"مەن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ھەربىي مەسلىھەتچىسى بولىمەن" دەپ جاۋاب بەردى. مەن ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇش ئۈچۈن: "مەن سىزنى تونۇمايدىكەنمەن" دېسەم، ئۇ دەرھال" مەن سىزنى ئوبدان بىلىمەن. سۆھبەتلەشسەك"دېدى. مەنمۇ غەزەپ بىلەن " مېنىڭ قاتىللار بىلەن سۆزلەشكۈم يوق " دېدىم. كېيىن فىرانسىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ماڭا ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىپ خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ مېنىڭ پېيىمغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە دىققەت قىلىشىمنى ئېيتتى» دېدى.

تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە تەھسىن ئەپەندىنىڭ 5-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يىغىنىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا باھا بەردى.

زىيارىتىمىز جەريانىدا تەھسىن: «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۈرك تەشكىلاتلىرىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى بەلكىم، 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن بولسا كېرەك. چۈنكى بىز بۇ قەتلىئامدىن كېيىن بارلىق كۈچىمىز بىلەن پۈتكۈل ياۋروپادا جۈملىدىن فىرانسىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە تۈرلۈك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ كوچىلاردا غايەت نامايىشلارنى قىلغان ئىدۇق» دېدى.

فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىت فىرانسىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ يار-يۆلەكتە بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا توختالدى.

ئىگىلىشىمىزچە، پارىژ شەھىرىنىڭ ئۆزىدىلا بەش يۈزدىن ئوشۇق تۈرك رېستورانى بار بولۇپ، بۇ ئاشپۇزۇللارنىڭ ھەممىسى ھەر ئايدا ئۆز تەشكىلاتلىرىغا بەدەل پۇلى تۆلەش بىلەن بىرگە،رامزان ئېيىدا يەنە ئۆشرە-زاكات پۇللىرىنىمۇ تاپشۇرىدىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.