رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلدى

0:00 / 0:00

4-سېنتەبىر كۈنى خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە باشلانغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى يىغىنىدا تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى باشلىقى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندىن سىرت، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەنمۇ ئۇچراشقان. س ن ن تۈرك تېلېۋىزىيەسى مۇخبىرى خاقان چېلىك ئەپەندىنىڭ 5-سېنتەبىر كۈنى خاڭجۇدىن بىلدۈرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىككى دۆلەت رەئىسى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي تەڭپۇڭسىزلىق، خىتاينىڭ تۈركىيەدە يېڭى ئاتوم ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇش مەسىلىسى، يېڭى يىپەك يولى ئىش پىلانى ۋە تېررور توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

بۇلاردىن سىرت تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن خاڭجۇدا چاقىرغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بىر مۇخبىرنىڭ «شى جىنپىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى يەنى ئىسلامى ھەرىكەت مەسىلىسىنى سۆزلەشتىڭىزمۇ؟» دېگەن سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇ يەردە ئىسلامى تۇرمۇش بىلەن تېررورنى بىر-بىرىدىن ئايرىش كېرەك. زوراۋانلىققا قارشى ئىكەنلىكىمىزنى شى جىنپىڭ بىلەن ئورتاقلاشتۇق. تېررورغا ۋە زوراۋانلىققا قارشى ھەمكارلىشىدىغانلىقىمىزنى ئۆزىگە دېدىم.»

رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ باياناتىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن گازى ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەمەت ئاكىف ئوقۇر ئەپەندى ۋە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور مەمەت ئاكىف ئوقۇر ئەپەندى مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئاناتولىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەر ئوتتۇرىسىدا تەۋرەنمەس كۆۋرۈكلەر مەۋجۇت. بۇ سەۋەبتىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر تۈرلۈك ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىگە تۈركلەر قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ. تۈركىيە ئەلۋەتتە خەلقئارا تېررورغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. دۇنيانىڭ قەيىرىدە تېررور ۋەقەسى بولسا ئۇنىڭغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىمەكتە. تۈركىيە ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە قاراپ تۇرالمايدۇ. تۈركىيە دۆلىتى بۇنداق دېيىش ئارقىلىق شۇنى دېمەكچى، بىز خىتاي بىلەن ھەر جەھەتتىن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تەييار، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى تېررور دېسەڭ قوبۇل قىلالمايمەن. بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈچۈنمۇ پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ.»

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى 4-سېنتەبىر كۈنى خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە باشلانغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى يىغىنىدا تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن شى جىنپىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىش توغرىسىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يېقىنلىشىدىغانلىقىنى، تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئۆز دەۋاسىنى ياخشى ئاڭلاتقان تەقدىردە زىيانغا ئۇچرىمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر 9-ئاينىڭ 4-5-كۈنلىرى خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى يىغىنى نۇقتىلىق ھالدا ئىقتىسادىي مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان يىغىن بولغاچقا، ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيەگە ئوخشاش قىممەت قاراشلار يېتەرلىك دەرىجىدە كۈن تەرتىپكە كەلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.