گېرمانىيەلىك مۇخبىر كىرىستىنې ئادېلخاردنىڭ ئۇيغۇر ئېلى سەپىرىدە دۇچ كەلگەنلىرى (1)

0:00 / 0:00

يېقىندا گېرمانىيەلىك مۇخبىر كىرىستىنې ئادېلخاردنىڭ قەشقەر، يەركەن، خوتەندىن ئىبارەت ئۈچ يۇرتتىكى زىيارىتى ئاساسىدا ئىشلەنگەن «ئومۇمىي نازارەت ئاستىدا» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمى گېرمانىيەدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ئا ر د دا ئېلان قىلىنغان.

«ئومۇمىي نازارەت ئاستىدا» ناملىق بۇ فىلىم خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى، ئاخبارات ئەركىنلىكىگە قويۇۋاتقان چەكلىمىسى ھەمدە چەتئەللىك مۇخبىرلارغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيىسىنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل سۈپىتىدە زور دىققەت قوزغىغان.

ئا ر د قانىلى تور بېتىدە ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن بۇ فىلىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە: «ئۇلار (يەنى ئۇيغۇرلار) خىتاينىڭ غەربىدىكى ئۆزىگە خاس ئايرىم تىلى بولغان مۇسۇلمان تۈركىي خەلق. قارىماققا ئۇلار بېيجىڭنىڭ كۆزىدىن ئۇزاق. ئەمما باستۇرۇش ئېغىر. ئۇيغۇرلار غەزەپلەنمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا، ئىسلام ئەسەبىي كۈچلىرىگە قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. كىرىستىنې ئادېلخارد مانا بۇ يەرلەرگە بىۋاسىتە نەزەر ئاغدۇردى» دېيىلگەن.

فىلىمغا ئاساسلانغاندا، ئا ر د قانىلىنىڭ بېيجىڭدىكى مۇخبىرى كىرىستىنې ئادېلخارد ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان خوتەن، يەركەن، قەشقەردىن ئىبارەت ئۈچ يۇرتنى زىيارەت قىلىش سەپىرىنى باشلىغان. ئۇنىڭ زىيارەت مۇددىئاسى، 2014-يىلى خوتەندە يۈز بەرگەن قارشىلىق ۋەقەلىرى، يەركەن ئىلىشقۇدا 28-ئىيۇل يۈز بەرگەن قەتلىئام، قەشقەردىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇنىڭ باستۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا ئائىت ماتېرىياللارغا ئېرىشىش بولغان. ئەمما بىر زىيارەتچى، ئىككى كەسپىي ئاپاراتچى، بىر خىتاي تەرجىماندىن تەشكىل تاپقان بۇ گۇرۇپپىنىڭ قەدىمى تۇنجى بېكەت قىلىپ تاللىغان خوتەنگە يېتىشى ھامان، خىتاي ساقچى ۋە بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش، توسقۇنلۇق قىلىشىغا دۇچ كەلگەن.
فىلىم شۇنداق ئىبارىلەر بىلەن باشلىنىدۇ:
-بىزنىڭ نۇرغۇن سوئاللىرىمىز بار ئىدى، بىراق ئۇنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىشنىڭ ئۇنداق ئاسان ئەمەسلىكىنىمۇ خاتىرىمىزدىن ئايرىمىغان ئىدۇق. نېمىلا بولمىسۇن، بىز شىنجاڭ سەپىرىنى باشلىدۇق. بۇ شەھەر-خوتەندە ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدىلا 450 ئادەم زورلۇق بىلەن باستۇرۇش سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. بۇ يەردىكى پۇقرالارنىڭ نېمە ئۈچۈن پارتلىتىش ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمىزنىڭ نېمىشقا بۇنچە ئاز بولىدىغانلىقىنىمۇ چۈشەنمەيمىز. خوتەندىكى نوپۇسنىڭ 96 پىرسەنتى ئۇيغۇرلار، ئۇلار مۇسۇلمان، تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ خەلق. ئۆزىگە خاس تىل، يېزىقى، بىناكارلىق ئۇسلۇبى، مەدەنىيىتى بار. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جايلارغا مىلياردلاپ مەبلەغ سالغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ھۆكۈمەت بىنالىرىنى ۋە ساقچىخانىلارنى پارتلىتىشلار داۋام قىلىۋاتىدۇ.

خوتەننىڭ مەنزىرىسى كىرىشتۈرۈلگەن كۆرۈنۈش ئاستىدا، يۇقىرىقى ئىبارىلەر بايان قىلىنغاندىن كېيىن، فىلىمدا ئۇيغۇرلار ئېلىپ بېرىۋاتقان ئوت قويۇش ۋەقەلىرىنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشلىرىگە ئورۇن بېرىلىدۇ. مۇخبىر بۇ يەردە «خىتاي ھۆكۈمىتى مانا بۇلارنى ئىسلام تېررورچىلىرى دەپ باستۇرماقتا» دەيدۇ. بۇ ئارقىلىق، چەتئەللەردىكى ئىسلام رادىكال كۈچلىرى بىلەن ئاتالمىش ئۇيغۇر تېررورچىلىرى قوللىنىۋاتقان زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرى پەرقىنىڭ نەقەدەر روشەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ خىتاي ئېيتقاندەك «ئىسلام رادىكال كۈچلىرى» ئىكەنلىكىگە مۇخبىر كىرىستىنې ئادېلخاردنىڭ بۇ فىلىمدا گۇمان بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي تەشۋىق قىلىۋاتقان ئاتالمىش «تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك» كە نىسبەتەن غەرب ئەللىرىنىڭ ئوخشىمايدىغان مۇئامىلىدە بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

فىلىمدا يەنە «ئۇيغۇرلار كوچىلاردا ئاغزىغا ھېزى بولۇشى لازىم، ھۆكۈمەت بىلەن زىددىيەتلىك ئىبارىلەردە بولۇنغان ھامان، دەرھال تۈرمىلەرگە قامىلىدۇ، بۇنى بىلمەيدىغانلار بولمىسا كېرەك» دەيدۇ. فىلىمدا ھەممىلا يەرگە خىتاينىڭ قىزىل بايرىقى قادالغان خوتەن كوچىلىرى ۋە بۇ كوچىلاردا ئېشەك ھارۋىلىرىدا كېزىپ يۈرگەن ئۇيغۇرلار گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ.

گېرمانىيەلىك مۇخبىر كىرىستىنې ئادېلخاردنىڭ خوتەندە ئۇيغۇر پۇقرالىرىنى زىيارەت قىلىشى ئاشكارا چەكلىنىدۇ ۋە توسالغۇلارغا ئۇچرايدۇ. ئۇلار خوتەن شەھىرىدە فىلىم ئاپپاراتلىرىنى ئورنىتىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت قۇرۇشقا باشلاپ ئارىدىن 5 مىنۇت ئۆتمەيلا، پۇقراچە كىيىنگەن خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ قورشاۋىدا قالىدۇ. خىتاي كۈچلىرى ئۇلارنىڭ فىلىم ئاپپاراتىنى نەق مەيداندىلا تەكشۈرىدۇ. كىملەرنى زىيارەت قىلدى؟ كىملەر نېمىلەرنى دېدى؟ بۇنى بىلمەكچى بۆلىشىدۇ. بىراق، خىتاي ئۈچۈن ئەڭ نازۇك رايون ھېسابلانغان ئۇيغۇر دىيارىدا، خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ تەدبىرلىرى ھەققىدە ئالدىن مەلۇماتى بولغان مۇخبىرلار، دەرھال فىلىم ئاپپاراتىدىكى كۆرۈنۈشلەر ئېلىنغان ساقلىغۇچنى تېزلىك بىلەن چاندۇرماي ئالماشتۇرۇۋېتىش ئارقىلىق، زىيارەت خاتىرىلىرىنى خىتايلارنىڭ تارتىۋېلىشىدىن قوغداپ قالىدۇ. خىتاي كۈچلىرى، ئەگەر ئۇلار بىرلىرىنى زىيارەت قىلماقچى بولسا، ئالدى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ ئىجازىتى ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ برېمىن پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ئانتىيې گروتھېر خانىم يېقىندا پارلامېنتتا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلىگەن دوكلاتىدا، خىتاينىڭ يالغۇز ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىغىلا ئەمەس، چەتئەل مۇخبىرلىرىغىمۇ زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ:
«1948-يىلى 10-دېكابىر ب د ت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىدە تىلغا ئېلىنغان ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئەھدىنامىسىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئىچىدە خىتاي گەۋدىلىك ئورۇن تۇتىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھالى خېلىلا ئېغىر. رېئاللىق ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تونۇتقۇچىلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەقلىرى يولىدا كۈرەش قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. خىتايدا يالغۇز كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىلا ئەمەس، ئۇيغۇرلارغا ئاقلىغۇچى بولغان ئادۋوكاتلار ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارمۇ زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىماقتا.»

كرىستىنې ئادېلخارد «ئومۇمىي نازارەت ئاستىدا» ناملىق فىلىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە، پۇقراچە كىيىنىپ ئۆزلىرىنى تەكشۈرۈۋاتقان خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىدىن «سىلەر زادى نېمە ئادەملەر؟» دەپ سورايدۇ، بىراق جاۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ھوقۇقى بارلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ قائىدىسىنىڭ شۇنداقلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. كىرىستىنې خانىم بۇلار ھەققىدە توختىلىپ «ھۆكۈمەت بۇ ئادەملەر ئۈچۈن (يەنى خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى ئۈچۈن) كۆپ پۇل خەجلەيدۇ. خەنلەر ھەممە ئىشتا ئۇيغۇرلارنى ئالدىغا چىقىرىپ قويۇپ، ئۆزلىرى پەردە ئارقىسىدا باشقۇرىدۇ» دەيدۇ.