«ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى مەسىلىسى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇق» ناملىق خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىلىدۇ

0:00 / 0:00

د ئۇ ق بۇ يىل 4-ئايدا گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا «ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى مەسىلىسى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇق» ناملىق خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىشنى قارار قىلدى.

د ئۇ ق باش شتابىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتىمىزغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل ئاپرېل ئايلىرىنىڭ 11-كۈنىدىن 13-كۈنلىرىگىچە گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا چاقىرىلىدىغان بۇ يىغىننى د ئۇ ق، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا مۇھاجىرلار تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرىدىكەن.

د ئۇ ق رەھبەرلىرى بەرگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى يىغىنغا گېرمانىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى، پارلامېنت ۋەكىللىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، مۇھاجىرلار ۋە ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ خادىملىرى، مۇھاجىرلار ساھەسى بويىچە مۇتەخەسسىسلەر، تەتقىقاتچىلار ۋە ھەرقايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، سىياسىي پائالىيەتچىلەر، شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىدىن يېڭى قېچىپ چىققان، جاپالىق سەرگۈزەشتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن شاھىتلار تەكلىپ قىلىنىدىكەن. يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرلىق ھاياتقا مەجبۇر بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرى، ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرقى ئەھۋالى، كېلەچىكى، ئۇيغۇر مۇساپىرلار دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار، مۇھاجىرلار خىزمەتلىرىدە قولغا كەلگەن نەتىجىلەر، سادىر بولغان سەۋەنلىكلەر، مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرى، خەلقئارا تەجرىبىلەر قاتارلىق تېمىلار بويىچە دوكلاتلار تەقدىم قىلىنىدىكەن.

د ئۇ ق تورىدا 2-فېۋرال ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا، بۇ قېتىمقى يىغىننى چاقىرىشتىكى سەۋەبلەر ئىزاھلىنىپ؛ «خىتاي دۆلەت تېررورىزمىنىڭ تەھدىتى ئاستىدا جان بىخەتەرلىكى يوق، كۈندىلىك ھاياتى ئەنسىزلىك ۋە قورقۇنچ ئىچىدە ئۆتۈشكە باشلىدى. بۇ سەۋەبتىن مىڭلارچە ئۇيغۇرلار، ھەتتا ئاياللار ۋە بالىلارمۇ ۋەتىنىنى تاشلاپ قېچىشقا، چەتئەللەردە مۇساپىر بولۇپ ياشاش يولىنى تاللاشقا مەجبۇر بولدى.» دېيىلگەن.

گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسى برېمىن پارلامېنتىنىڭ ۋەكىلى مۇستافا ئۆزتۈرك ئەپەندى يېقىندا پارلامېنتتا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ۋەتىنىنى تەرك ئەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلىپ، ئېغىر جازالارغا مەھكۇم بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى. ئۇ سۆزىدە، ياۋروپا بىرلىكى ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.

د ئۇ ق تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يىغىن ئۇقتۇرۇشىدا يەنە، «ھىجرەت قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى تۈركىيە دۆلىتىنىڭ قۇچاق ئېچىشىغا ئېرىشىپ، تۈركىيەگە كېلىپ ئورۇنلاشقان، خىتاي تەھدىتىدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇساپىرلار خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلىشتەك پاجىئەلىك تەقدىرگە مۇپتىلا بولدى. ھەتتا ھازىرغىچە يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇھاجىرلار تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تۈرمىلىرىدە دۇنيانىڭ ئىگە چىقىشىنى، ياردەم قولىنى سۇنۇشىنى كۈتمەكتە. ئۇيغۇر مۇھاجىرلار مەسىلىسى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۇنيانىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارتقان جىددىي بىر مەسىلە بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا» دەپ ئىزاھلانغان.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىن ھەققىدە ئۇچۇر بېرىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، بۇ قېتىمقى يىغىننى چاقىرىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنىڭ نېمىلەر بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىدىن ئەنۋەرجان ئەپەندى ئۇيغۇرلارنى مۇساپىرچىلىق ھاياتقا مەجبۇرلاۋاتقان ئامىللار ھەققىدە توختىلىپ قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە، بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدىمۇ پىكىر بايان قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.