قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۇتقۇندىكى پروفېسسورى گۈلنار ئوبۇل ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن جازالانغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى، گۈلنار ئوبۇلنىڭ بىر قېتىملىق تور سۆھبەت خاتىرىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى ھەرىكىتىگە ئىلمىي مەيداندا تۇرۇپ تەنقىدىي پىكىر بەرگەنلىكى ۋە شۇ سەۋەبتىن تۇتۇلغانلىقىنى بايان قىلدى. توردا ھېلىھەم ساقلانغان مەزكۇر سۆھبەت خاتىرىسىدە، گۈلنار ئوبۇلنىڭ «قەشقەرنىڭ بايلىقى» دەپ مەدھىيەلەنگەنلىكى مەلۇم بولدى.
دائىرىلەر قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۇتقۇندىكى پروفېسسورى گۈلنار ئوبۇلنىڭ نېمە ئۈچۈن جازالانغانلىقى ۋە نەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر تەمىنلىگەن يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن، خىتاي تور بەتلىرىدىكى ئۇنىڭغا ئالاقىدار خەۋەر ماقالىلەرنى كۆزدىن كەچۈردۇق. خىتاي تىلىدىكى http://www.360doc.com تورىدىكى ماقالىلەردىن بىرىدە تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 1986-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن ۋە شۇ مەكتەپتە خىزمەتكە چۈشكەن گۈلنار ئوبۇل ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشىنى فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە خىتاي مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە تاماملىغان. ئۇ 2006-يىلىغا كەلگەندە قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، 2016-يىلىغا كەلگەندە مەكتەپ پارتكومىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى ۋە بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ تەيىنلەنگەن. ئارىلىقتا يەنى 2000-يىلى مەملىكەتلىك بىرلىكسەپ بۆلۈمىگە يۆتكىلىپ بېرىپ 3 يىل سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ تارىخىي ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان.
1997-يىلى خىتاي كومپارتىيەسىگە ئەزا بولغان پروفېسسور گۈلنار ئوبۇل كېيىنكى يىللاردا سىياسىي ساھەدە ئاكتىپ رول ئېلىپ، دۆلەتنى سۆيۈش ۋە دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش تېمىسىدا قەشقەر ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە لېكسىيەلەر سۆزلىگەن ھەم مۇھىم سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە مەتبۇئاتلاردا ئىلمىي سۆھبەت ۋە ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. ئەنە شۇ ئىلمىي سۆھبەتلەردىن بىرى «شىنجاڭنىڭ ئىدىيەۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدا» دېگەن تېمىدا بولۇپ، 2016-يىلى 8-ئايدا ئېلان قىلىنغان بۇ سۆھبەت خاتىرىسى، شۇ يىلى خىتايدا كەڭ دائىرىدە دىققەت تارتقان، ھەتتا خىتاينىڭ«يەرشارى ۋاقتى» گېزىتىدىمۇ ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ ئېلان قىلىنغان.
ئەنە شۇ سۆھبەت خاتىرىسىدە«قەشقەرنىڭ بايلىقى» دەپ مەدھىيەلەنگەن گۈلنار ئوبۇل ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتمەي تۇرۇپ، دەل شۇ سۆھبەت خاتىرىسىدىكى پىكىرلىرى سەۋەبلىك، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماققا ئېلىنغان. بىز بۇ گۈلنار ئوبۇلنىڭ بۇ قىسمىتى ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بەزىلىرى گۈلنار ئوبۇلنى بىلمەسكە، بەزىلىرى چۈشەنمەسكە سېلىۋالدى.
قەشقەردىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى گۈلنار ئوبۇلنى دۆلەتنىڭ ئەسەبىيلىككە قارشى سىياسىتىگە ئاستىرتىن قارشى تۇردى دەپ ئەيىبلىگەن. مەزكۇر سۆھبەت خاتىرىسىدە يېزىلىشىچە، گۈلنار ئوبۇل؛ «بىز (خىتاي دۆلىتى) دىنىي مەسىلىسىنى بەك كۆتۈرۈۋېتىپ بارامدۇق قانداق؟» دەپ سوئال قويغان. ئۇ يەنە جەمئىيەتتىكى بارلىق مەسىلىلەرنى دىنىي ئەسەبىيلىك كاتېگورىيەسىگە سېلىۋېلىش توغرا ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن. گۈلنار ئوبۇلنىڭ بۇ سۆزلىرى ھەققىدە نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان دوكتور قاھار بارات ئەپەندى مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇ.
گۈلنار ئوبۇل مەزكۇر سۆھبەت خاتىرىسىدە يەنە دىنىي ئەسەبىيلىككە سىياسىي ھۆججەت ياكى بۇيرۇق بىلەن تاقابىل تۇرسا نەتىجىسى بولمايدىغانلىقى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە مۇستەھكەملەش ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. قاھار بارات ئەپەندى، گۈلنار ئوبۇلنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ ئەسلىدە خىتايغا قارشى گەپلەر ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. مەزكۇر سۆھبەت خاتىرىسىدە يەنە خاتىرىلىنىشىچە، بىر كىشى ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزىنى تاپالمىسا، ئۇنىڭ قايمۇقىدىغانلىقى ۋە ئازىدىغانلىقى، شۇڭا كىشىلەرگە ئۆز مىللىي كىملىكىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى شەكىللىنىشكە پۇرسەت بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. قاھار ئەپەندى بۇ سۆزلەرنىڭ خىتايغا پايدىلىق گەپلەر ئىكەنلىكىنى، ئەمما نۆۋەتتىكى ئىككى يۈزلىمىچىلىككە قارشى دولقۇندا مەسىلە گەپنىڭ توغرا-خاتالىقىدا ئەمەس، مىللىي كىملىكتە بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. گۈلنار ئوبۇل مەزكۇر سۆھبەتتە نۆۋەتتىكى دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى ھەرىكەتتە، دىننى چۈشەنمەيدىغان كادىرلارنىڭ يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقى، ئەسلىدە بۇ ئىشقا، ئىسلامنى مۇكەممەل ئوقۇپ يېتىشكەن دىنىي ئالىملارنىڭ مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دوكتور قاھار بارات نۆۋەتتىكى «ئىككى يۈزلىمىچىلىككە قارىشى» دولقۇننىڭ ئەمەلىيەتتە بىرقانچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قارشى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان قاتلامغا قاراپ كېڭىيىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
يۇقىرىدا، ئىككى يىل ئاۋۋال خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا «قەشقەرنىڭ بايلىقى» دەپ قارالغان پروفېسسور گۈلنار ئوبۇلنىڭ ئەمدىلىكتە «ئاپەت» دەپ قارىلىپ، قاماققا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.
0:00 / 0:00