ھامىد كۆكتۈرك: خىتاي دائىرىلىرى ئىستانبۇلدا جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنى توختاتمىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2013.08.21
hamut-gokturk-305.jpg ھامۇت گۆكتۈرك
RFA/Erkin Tarim

ياپونىيەدە ئېچىلىۋاتقان خىتاينىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ئەي زىيۇ تەخەللۇسىدىكى بىر نەپەر خىتاي جاسۇسى تۈركىيەدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا بەزى مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيەدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىدە ئۇزۇن مەزگىل باش كاتىپ ۋە مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن ھامىد كۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

ھامىد ئەپەندى خىتاي خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا كىشىلەردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ ھەمدە ماتېرىيال توپلاپ كەلگەنلىكىنى پاش قىلدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.