ژۇرنالىست سىراجىدىن: خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ داستىخىنىدا مېھمان بولۇش ئىماندىن ئاجرىغانلىق
2015.07.16
جىددەھ شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن چاغان بايرىمىنى تەبرىكلەش زىياپىتىدە باش كونسۇل ئەنۋەر ھەبىبۇللا ۋە بىر قىسىم شۇ يېرىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار. 2014-يىلى 27-يانۋار.
11 ئاينىڭ سۇلتانى بولغان رامزان ئېيى ئاخىرلىشىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى روزا ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەشكە جىددىي تەييارلىق كۆرۈۋاتقان كۈنلەردە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رىياد، جىددەھ قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى، كونسۇلخانىلىرى شۇ يەردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنى جۈملىدىن ئۆمۈر ھەج ۋە ھەج ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن بىر قىسىم ھاجىلارنى 19-ئىيۇن خىتاي كونسۇلخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان روزا ھېيتنى تەبرىكلەش زىياپىتىگە تەكلىپ قىلغان.
سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، جىددەھ شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ كونسۇلى ئەنىۋەر ھەبىبۇللا مەككە، مەدىنە، تايىف قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلارغا تەكلىپنامە يوللاش ۋە تېلېفون قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كونسۇلخانىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يىللىق روزا ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ بېرىشىنى ئۆتۈنگەن.
جىددەدىكى خىتاي باش كونسۇلى ئەنىۋەر ھەبىبۇللا ئۇيغۇر ئېلىدىن ئۆمۈر ھەجگە كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىن يەنى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن كەلگەن كىشىلەرنى كۆپرەك دەۋەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ باشقىلارغا ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى روزا ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆلىمى بىر قەدەر زور بولغان ھالدا ئېلىپ بېرىلىپ،خەلقئارادا دېيىلىۋاتقان « خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا روزا تۇتۇشنى چەكلىدى» دېگەن تەشۋىقاتقا قارشى تۇرۇش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ،خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ يىل ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار نىسبەتەن كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان مەملىكەتلەردە روزا ھېيتنى قۇتلۇقلاش پائالىيىتىنى جانلىق تۈردە ئېلىپ بېرىش ھەققىدە مەخسۇس قارار ھازىرلىغان.
بىز نۆۋەتتە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان روزا ھېيتنى تەبرىكلەش زىياپىتى ھەققىدە ھازىر مەككە شەھىرىدە ياشاۋاتقان ژۇرنالىست ۋە شۇنداقلا دىنىي ئۆلىما سىراجىدىن ئەزىزى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.









