ئۇيغۇر دىيارىدا ھىجابلىق ئاياللارنى قانۇنسىز جازالاش ئەۋج ئالماقتا

0:00 / 0:00

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە بولغان توسقۇنلۇقى ھەر خىل شەكىللەردە بارغانچە كۈچەيمەكتە، بولۇپمۇ بۇلتۇر يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كۇنمىڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن «1-مارت» ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ يىلتىزى مىللىي بۆلگۈنچىلىك، ئىدىيىۋى ئاساسى دىنىي ئەسەبىيلىك» دەپ ئېنىق كۆرسىتىشى بىلەن، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە ئومۇميۈزلۈك «دىنىي ئەسەبىي ئىدىيىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسايلى» دېگەن شوئار ئاستىدا مەخسۇس قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئەۋج ئالدى.

بۇنىڭ بىلەن ھەتتا دىنىي ۋە مىللىي يوسۇندا كىيىنىشىمۇ دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ بەلگىسى دەپ قارىلىپ، دائىرىلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن ئالدىنى ئالىدىغان ۋە زەربە بېرىدىغان مۇھىم نىشانى بولۇپ قالدى. بۇ خىل قارا-قويۇق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ، بەزى ھايانكەش خىتاي ئامانلىق خادىملىرى ئۈچۈن قانۇنسىز جەرىمانە قويۇپ، پۇل تېپىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ يېقىندا بۇ ھەقتە رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلارغا ئاساسەن تەييارلىغان مەلۇماتىدا بولسۇن.