«ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرى» دېگەن كىتابتا خىتاي ئىستىخبارات ئىدارىسى توغرىسىدا ئۇچۇرلار بېرىلگەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2014.10.24
istihbarat-teshkilatliri-degen-kitabnig-tashqi-kurunushi.jpg ئىستىھبارات تەشكىلاتلىرى دېگەن كىتاپنىڭ سىرتقى مۇقاۋىسى
RFA/Arslan


يېقىندا تۈركىيەدە نەشر قىلىنغان دۇنيادىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ھەققىدىكى بىر كىتابتا خىتاينىڭ دۆلەت جاسۇسلۇق ئاپپاراتلىرى ھەققىدىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن.

مەزكۇر كىتاب ھەققىدە توختالغان تۈركىيەدىكى ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى ئەركىن ئەكرەم، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە ئۇيغۇرلارنىمۇ ياللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ يېتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر جاسۇسلارغا تازا ئىشەنمىگەچكە ئۇلارنى تۆۋەن دەرىجىلىك، يەنى «خەۋەرچى» دەرىجىلىك خىزمەتلەرگە سالىدىكەن.

«ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرى» ناملىق بۇ كىتاب «كرىپتۇ» نەشرىياتى تەرىپىدىن ئەنقەرەدە نەشر قىلىنغان.

21 - ئەسىر ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى پروفېسسور دوكتور ئۈمىد ئۆزداغ تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان بۇ كىتابتا خىتاي ئىستىخبارات تەشكىلاتلارنىڭ ھەرىكەت - پائالىيەتلىرى توغرىسىدا شۇنداقلا، ئامېرىكىنىڭ CIA، رۇسىيىنىڭ KGB، ئىسرائىلىيىنىڭ MOSSAD، ئەنگلىيىنىڭ MI6، گېرمانىيەنىڭ BND، ئىراننىڭ VEVAK ۋە خىتاينىڭ ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرى توغرىسىدا 7 نەپەر تەتقىقاتچىنىڭ بۇ تەشكىلاتلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكەت - پائالىيەتلىرى توغرىسىدا تەييارلىغان مۇھىم ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئىستىخبارات ئىنسانىيەتنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئىنسانلارنىڭ ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان ھەرىكەتلەردىن بىرى بولۇپ كەلدى. ئىستىخبارات ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن ھازىرقى زامانىۋى دۆلەت ئاپپاراتلىرىغىچە تەشكىللىك جەمئىيەتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم پائالىيەت ساھەسىدىن بىرى بولۇپ كەلدى.

ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرى تەرەققىي قىلغان جەمئىيەتلەردە، ئىستىخباراتنىڭ ئاساسىي ۋاسىتىلىرى ناھايىتى كۈچلۈك بىر رول ئوينايدۇ. ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرىنى بىلمەستىن ئىستىخباراتنى چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس.

303 بەتلىك بۇ كىتاب، خىتاي قاتارلىق بەزى مۇھىم چەتئەل ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرى توغرىسىدا ئاساسىي مەلۇماتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش مەقسىتىدە يېزىلغان. بۇ كىتابقا يېزىلغان ماقالىلەر ئاساسلىقى، ئىستىخبارات تەشكىلاتلارنىڭ قىسقىچە تارىخى، ئىستىخبارات مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسلىرى، تەشكىلاتلارنىڭ قۇرۇلۇش سىستېمىسى، ئىستىخبارات تەشكىلاتلارنىڭ غەلىبىگە ئېرىشكەن ياكى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان مۇھىم ھەرىكەتلىرىدىن مىساللار، تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەتىگە مۇناسىۋەتلىك ساھەلىرى ۋە ھەرىكەت دائىرىلىرى شۇنداقلا دۇنيادىكى مۇھىم ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرى توغرىسىدا مەلۇماتقا ئىگە بولۇشتا، مۇقەددىمە شەكىلدە بولسىمۇ كەڭ تۈردە مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم بىر كىتاب ھېسابلىنىدىكەن.

كىتابقا بېسىلغان پروفېسسور دوكتور كۇنۇرئالپ ئەرجىلاسۇننىڭ، «كوممۇنىست ئىستىخباراتتىن زامانىۋى ئىستىخباراتقا قەدەم، خىتاي ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرى» دېگەن تېمىدىكى تەتقىقات ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي ئىستىخباراتى ۋە ھەربىي ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنىڭ ئاساسى دەسلەپتە سۇن جىيەنىڭ ئەسەرلىرىگە تايىنىدۇ، ھەقىقەتەن مىلادىيىدىن ئىلگىرى 5 - 6 - ئەسىرلەردە دۇنيادىن ئۆتكەن سۇن جىيەنىڭ ئۇرۇش ئىستراتېگىيىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك 13 بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان كىتابنىڭ ئاخىرقى بۆلۈمى، «جاسۇسلار» دېگەن تېمىدا بولۇپ بۇنىڭدا ئىستىخبارات پائالىيەتلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن. سۇن جىيەن كىتابىنىڭ ئاخىرقى بۆلۈمىدە جاسۇسلارنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمەتچى ئىكەنلىكىنى، چۈنكى ئەسكەرلەرنىڭ ھەرىكەت قابىلىيىتىنىڭ ئۇلارغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن خىتاي دۆلەت ئەنئەنىسىنىڭ نەزەرىيە جەھەتتە ئىستىخباراتنىڭ ئەھمىيىتىنى ئەڭ بۇرۇنلا يەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

كىتابتا يەنە كوممۇنىست خىتاي ئىستىخباراتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە قۇرۇلۇش تارىخى توغرىسىدا كەڭ توختالغان. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئىستىخبارات تەشكىلاتى 1920 - يىلى «ئالاھىدە بۆلۈم» دېگەن نامدا قۇرۇلغان. كېيىن «مەركىزى كومىتېت ئىشلىرى شۆبىسى» دېگەن نامدا سىستېمىلاشقان. دۆلەت قۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ كاڭ شىڭنىڭ باشچىلىقىدا داۋام قىلغان. كاڭ شىڭ بولسا زامانىۋى خىتاي ئىستىخباراتنىڭ قۇرغۇچىسى ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاينىڭ ئىستىخبارات سىستېمىنىڭ تەشكىلى ئاپپاراتلىرى

كىتابتا خىتاينىڭ ئىستىخبارات سىستېمىنىڭ تەشكىلى ئاپپاراتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: خىتايدا ئىستىخبارات پائالىيەتلىرى بىر قانچە ئورگان تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرى ئاساسلىقى ئاممىۋى ئىستىخبارات ۋە ھەربىي ئىستىخبارات دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ، ئاممىۋى ئىستىخبارات بۆلۈمىدە دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى بىلەن ج خ مىنىستىرلىقىمۇ ئىستىخبارات پائالىيەتلەرنى باشقۇرىدۇ. ھەربىي ئىستىخبارات ساھەسىدە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 3 بۆلۈمى پائالىيەت قىلىدۇ، بۇلار، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئىككىنچى شۆبە، ئۈچىنچى شۆبە، ۋە تۆتىنچى شۆبە دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھاۋا، دېڭىز ۋە قورۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ ئايرىم ئىستىخبارات ئىدارىلىرى بار، بۇلارغا قوشۇمچە قىلىپ، دۆلەت سىرلىرى ئىشخانىسى مەۋجۇت.

خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى

كىتابتا يەنە خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تەشكىلات ئاپپاراتىغا قارايدىغان بولساق، مىنىستىرلىقنىڭ 11 بۆلۈم ھالەتتە پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇلارنىڭ بىرىنچى بۆلۈمى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ۋە چەتئەللەردە پائالىيەت قىلغان خىزمەتچىلىرىنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشىنى تەشكىللەش بىلەن ۋەزىپىلەندۈرۈلگەن. 8 - بۆلۈمى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتى بولۇپ بۇ دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتى ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئىنستىتۇت 12 چوڭ بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، دۇنيانىڭ پۈتۈن مەسىلىلىرى ۋە يېڭىلىق ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا 500 دىن ئارتۇق تەتقىقاتچى خىزمەت قىلىدىكەن.

كىتابتا يەنە، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ 3 - شۆبىسىنىڭ 12 بۆلۈمى بارلىقى بۇلارنىڭ خىتاينىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىگە جايلاشقانلىقى. بۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئۈرۈمچىگە جايلاشقانلىقى يېزىلغان. بۇ شۆبىلەردىن 10 - بۆلۈمىنىڭ مەركىزى بېيجىڭدا بولۇپ ئۈرۈمچى، غۇلجا ۋە بارىندا شۆبىلىرى بار دەپ يېزىلغان.

كىتابتا يەنە خىتاي ئىستىخباراتىنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ۋە پاش بولۇپ قالغان جاسۇسلىرى توغرىسىدا توختالغان ۋە شۋېتسىيەدە ۋە گېرمانىيەدە تۇتۇلۇپ قالغان ئۇيغۇر جاسۇسلارنى تىلغان ئېلىپ مۇنداق دېيىلگەن: كۆپىنچە خىتاي جاسۇسلىرى ئامېرىكىدا پاش بولۇپ تۇتۇلۇپ قالغان بولسىمۇ، يېقىندىن بۇيان خىتاي ئىستىخباراتىنىڭ ياۋروپادىمۇ بىر ئىككى پائالىيىتى پاش بولدى. بۇلاردىن بىرى 2008 - يىلى شۋېتسىيەدە پاش بولدى. شۋېتسىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سىتوكھولىمدىكى خىتاي باش ئەلچىلىكىدە بولغان خىتاي ئىستىخبارات خادىمى بىر ئۇيغۇر كۆچمەننى ئۇلارغا مەلۇمات بېرىشكە قايىل قىلغان. ئۇيغۇر كۆچمەن ياۋروپادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر توغرىسىدا خىتايغا ئۇچۇر بېرىشنى قوبۇل قىلغان. باشقا بىر ۋەقە گېرمانىيىدە مەيدانغا كەلدى، گېرمانىيە ئەمەلدارلىرى 2009 - يىلىدا ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنى مەركەز قىلغان بىر ئىستىخبارات تەشكىلاتىنى پاش قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.