ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر ياشلىرى مەتبۇئات ئارقىلىق «جازا لاگېرلىرى» غا نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى باشلىدى
2019.01.16

قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان ئۇيغۇر ياشلىرى 10-يانۋار كۈنىدىن ئېتىبارەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتايدىكى جازا لاگېرلىرىغا قارشى «ستوپ گېنوتسىد-بىز تىنچلىقنى ئارزۇ قىلىمىز!» ناملىق مەتبۇئات ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىنى باشلىدى.
بۇلارنىڭ رۇس تىلىدىكى «ستوپ-گېنوتسىد» دېگىنى «قىرغىنچىلىقنى توختات» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى يالغۇز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىمۇ چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم. بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرى ھازىرغا قەدەر سۈكۈتتە تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئاشۇ دۆلەتلەردىكى ئاددىي پۇقرالار خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى بىلىپ يەتمەكتە. بۇ ھەقتە مەتبۇئاتلاردا تۈرلۈك ئۇچۇرلار ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئېلان قىلماقتا. قىرغىزىستاندا بولسا يېقىندا بىر قىسىم ئاممىسى ھەتتا خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرغان ئىدى.
قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنىدە بولۇۋاتقان بۇ ۋەقەلەرگە قاتتىق نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدىمۇ تۈرلۈك پائالىيەتلەر جانلانماقتا.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ئەزالىرىدىن ئەركىن ئەخمەت باشچىلىقىدىكى بىر توپ ياشلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 10-يانۋار كۈنى ئاممىۋى تور بەتلەردە ئۇيغۇر، ئىنگلىز ۋە رۇس تىللىرىدا «ستوپ گېنوتسىد: بىز تىنچلىقنى ئارزۇ قىلىمىز!» ناملىق ئېتىراز بىلدۈرۈش باشلاندى. بۇ پائالىيەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش سىياسىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىگە بىر كىشىلىك ئاۋاز قوشۇش شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان نۆۋەتتىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئىكەن. مەزكۇر مەتبۇئات پائالىيىتىنى قوللىغانلار ئاشۇ «ستوپ گېنوتسىد: بىز تىنچلىقنى ئارزۇ قىلىمىز!» دېگەن خەت يېزىلغان رەسىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىكى سەھىپىلىرىگە قويۇپ تارقىتىدىكەن. رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ياشلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى سەدىردىن ئايۇپوف پائالىيەت مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ 10 كۈن داۋام قىلىدىغانلىقىنى، بىراق ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭ بىلەنلا توختىماي، پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق «ستوپ گېنوتسىد-بىز تىنچلىقنى ئارزۇ قىلىمىز»، يەنى «قىرغىنچىلىقنى توختات: بىز تىنچلىقنى ئارزۇ قىلىمىز» ناملىق ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە قىرغىزىستان ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى. قىرغىزىستاندىكى «ياشلىق ئاۋازى ئۇيۇشمىسى» نىڭ ھەم قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ياشلار كومىتېتىنىڭ ئىنستاگرام سەھىپىلىرىدە مەزكۇر خەتلەر يېزىلغان پائالىيەت باشلاندى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياشلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى كۈرەش ئەيسايېف بۇ پائالىيەتكە ئە پەقەت ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، باشقا مىللەتلەردىكى دوست-بۇرادەرلىرىمۇ قاتناشقانلىقىنى ئېيتتى.
مەزكۇر ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئېتىراز بىلدۈرۈشكە قاتناشقان قىرغىزىستاندىكى «تەڭرى تاغ سادالىرى» رادىيو پروگراممىسىنىڭ مۇخبىرى نىلۇفەر ھاشىموۋا، ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاتا-ئانىلىرىدىن قالغان چوڭقۇر يارا» دەپ، بۇ پائالىيەتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنى ئاتالمىش «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا سولىۋېلىش قىلمىشلىرىغا مەتبۇئات ئارقىلىق، يەنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى قوللىغان قىرغىزىستاندىكى «ئىنتىزار» ئانسامبىلىنىڭ بەدىئىي رەھبىرى قەلبىنۇر تۇردىيېۋا، ئۆزىنىڭ مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقانلىقىنىڭ سەۋەبى ۋە ئارزۇسى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ جازا لاگېرلىرىنىڭ تاقىلىپ، قەلبلىرى زەرداب چېكىۋاتقان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى باغرىغا بېسىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قىرغىزىستان ۋە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى يىغىلىش ۋە نامايىش شەكلى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى قوللانغان ئىكەن.
قازاقىستاندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى بويىچە مۇتەخخەسىس، رۇسىيە تەبىئىي پەنلەرنىڭ ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەزاسى ئالىمجان تىلىۋالدىنىڭ ئېيتىشىچە ھازىرقى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىق ئالغىنىغا ئەمدىلا چارەك ئەسىردىن ئاشتى. ئۇ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي مەسىلىلەر بويىچە ئۆز ئارا كېلىشىملىرى، باغلىنىشلىرى بار ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ خىتاينى ئالدىراپ تەنقىد قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىۋاتقان ياشلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئۆز نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى توختمايدىكەن ۋە داۋاملاشتۇرىدىكەن.
مەلۇمكى، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستانلاردا كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار ياشايدۇ، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى، قاراقول، قارابالتا، ئوش قاتارلىق شەھەر ۋە يېزىلارغا تارقالغان.