24-25-نويابىر كۈنلىرى جەنۋەدە ئېچىلغان ب د ت نىڭ ئازسانلىقلار مۇنبىرىنىڭ 8-نۆۋەتلىك يىغىنىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى، بولۇپمۇ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقى مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىدىن كونكرېت مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىش تەلەپ قىلىنغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى سۆزگە چىقىپ، خىتايدا ئازسانلىق مىللەتلەرگە كەڭ ئازادە ئەركىنلىكلەرنىڭ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر بەزى سەۋەنلىكلەر بولۇۋاتقان بولسا بۇنىڭ خىتايدىكى قانۇندىن تۈپەيلى ئەمەس، قانۇننى ئىجرا قىلىش جەريانىدا بولۇۋاتقان سەۋەنلىك ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئومۇمىي قانۇن دائىرىسىدە بۇنداق مەسىلىلەرگە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بىز مەزكۇر يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، يىغىندا سۆز قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 8-نۆۋەتلىك ئازسانلىقلار مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ 24-نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، ئېچىلىش مۇراسىمىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى مۇدىرى سۆز قىلغانلىقىنى، بۇ قېتىمقىسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-قېتىم قاتنىشىشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىندىكى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھەر يىلىدىكىدەكلا بۇ يىلمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ۋە مائارىپ جەھەتتىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ئاڭلاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇرۇنغا جاۋاب بېرىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى، خىتاينىڭ ب د ت دىكى باياناتىدا ئىجابىي جەھەتتىن ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئازسانلىقلار مۇنبىرى 2008-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەر يىلى دېگۈدەك مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ كەلمەكتە ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.