كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيىسى تەشۋىقاتىنىڭ قۇربانلىرى (5)

0:00 / 0:00

«مىللەتلەر ئىتتىپاقى نەمۇنىچىسى»-مۇھەممەت قاسىمنىڭ ھېلىھەم نامراتلىق ھالىتىدە ياشاۋاتقانلىقى مەلۇم

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ بىۋاسىتە رىياسەتچىلىكىدە 28-مارت كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىيات يىلى» سەپەرۋەرلىك يىغىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقى تېمىسىنى مەركەز قىلغان تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىدىغانلىقىدىن ئوچۇق بېشارەت بەرمەكتە.

دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» نامىدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى جانلاندۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىۋاتقان نەچچە ئون يىللىق جەرياندا كۆپلىگەن يەرلىك «ئۈلگە» لەرنى تىكلەپ چىققانلىقى مەلۇم. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى سىياسىي تەشۋىقاتلىرىنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بەلگىلىك نەتىجىلەرگە ئىگە بولغانلىقىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە چۈشمەكتە. كۇچا ناھىيىسىدىكى مۇھەممەت قاسىم بوۋاي بولسا يېقىنقى يىللاردا ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقا-ئارقىدىن تەشۋىق قىلىۋاتقان ئەنە شۇ خىلدىكى ئۈلگىلەرنىڭ بىرى.

مۇھەممەت قاسىم بوۋاينىڭ ئۆزىدىن بۇ ھەقتە تەپسىلىي ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق ئاخىرى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىش ھەمدە ئۇنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇش مۇمكىن بولدى.

يەرلىك ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ئۆيىدە مەخسۇس قىرائەتخانا تەسىس قىلىپ، ئۇنى تۈرلۈك سىياسىي كىتابلار، گېزىت، ژۇرناللار بىلەن تولدۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ھەققىدىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئۈچۈن پايدىلانغان. شۇنداقلا ئۇنىڭ خىتاي تەشۋىقاتى ئۈچۈن «تۈگىمەس بايلىق» ئىكەنلىكىنى تەرىپلەپ، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت ئوبيېكتى قىلغان.

مۇھەممەت قاسىم بوۋاينىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ ھازىرمۇ ناھايىتى كەمبەغەل ياشاۋېتىپتۇ، شۇنداقلا كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ھېلىھەم شۇ يەردىكى كۆچمەن خىتايلارنىڭ ماددىي ياردىمىگە قاراشلىق بولۇۋېتىپتۇ. ئۇ ھازىرمۇ ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي، ئۆيىدىن بىرنەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تېرىلغۇ يېرىدە دېھقانچىلىق قىلىۋېتىپتۇ. مېيىپ بولۇپ قالغان بالىسىغا ھۆكۈمەت ياردەم قىلمىغان بولغاچقا ئۆيدە ئۆزى بېقىۋېتىپتۇ.

مۇھەممەت قاسىم بوۋاينىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ھازىر كۆچمەن خىتايلار ھەرقايسى مەھەللىلەرگىچە تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ بىۋاسىتە يېتەكچىلىكىدە مەھەللىسىدىكى ئۇيغۇرلار خىتايلارنىڭ توي-تۆكۈنلىرىگە ۋە ئۆلۈمىگە بارغان، شۇنداقلا ئۆلگەن خىتايلارنىڭ ئۆلۈك ساندۇقىنى بىللە كۆتۈرۈپ تەڭ ھازا ئاچقان.

ئۇنىڭ بىلەن بولغان سۆھبەت جەريانىدا شۇ نەرسە مەلۇم بولدىكى، مۇھەممەت قاسىم بوۋاي ھەرقايسى يېزا- مەھەللىلەردىكى رەھبىرىي ھوقۇقنى تۇتۇۋاتقان خىتاي كادىرلىرىنى، شۇنداقلا يېزىلارغىچە ئورۇنلاشقان خىتاي ئارمىيىسىنى كۇچادىكى «يەرلىك خەلقنى باي قىلىش ئۈچۈن كەلگەن» دەپ چۈشىنىدىكەن. ئەمما ئۇلارغا ئالدىراپ يېقىنلىشىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنىمۇ بىلىدىكەن.

ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ ناھىيىدىكى خىتاي ئارمىيەسىدىن «ھال سوراش» ئۈچۈن يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى بىلەن بىر قىسىم ماددىي بۇيۇملارنى سېتىۋالغاندا يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن بەزىلەر ئۇنىڭ بۇ ئىشىغا نارازى بولغان.