كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيىسى تەشۋىقاتىنىڭ قۇربانلىرى (4)

0:00 / 0:00

«جۇڭگولۇقلارنىڭ ئانىسى» - ھەنىپە ئالىماخۇن (1)

ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان خىتايدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ھەنىپە ئالىماخۇن ھەققىدە غايەت زور ھەجىمدە خەۋەرلەر ئىشلەپ، ئۇنىڭ ھەرقايسى مىللەتتىن بولغان يېتىم بالىلارنى بېقىۋالغانلىق ئىش-ئىزلىرىنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئەڭ يارقىن ئۈلگە» دېگەن نامدا تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە.

بۇ يىل 76 ياشقا كىرگەن ھەنىپە ئالىماخۇن ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ چىڭگىل ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئاددىي ئايال. 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل» ۋەقەسىدىن كېيىن خىتايدىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەتبۇئاتلاردىن «خەلق گېزىتى»، «سىنا» تورى، شۇنداقلا خوڭكوڭدىكى «سۇمۇرغ» تېلېۋىزىيىسى قاتارلىقلار بۇ توغرىلىق بەس-بەستە خەۋەرلەر ئىشلىگەن، شۇنداقلا ئۇنىڭغا «جۇڭگولۇقلارنىڭ ئانىسى»، «خىتايدىكى ئەڭ گۈزەل ئانا» دېگەن ناملارنى بېرىپ خىتاي مىقياسىدا تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىغان.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىكى ئۇچۇرلاردا ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان ھەنىپە ئالىماخۇننىڭ ئۆتكەن قىرىق نەچچە يىل مابەينىدە ئۇيغۇر، خىتاي، قازاق ۋە تۇڭگان مىللىتىدىن بولغان ئون توققۇز يېتىم بالىنى بېقىۋالغانلىقى، ئۇنىڭ ئىزچىل تۈردە « خىتايدىكى بارچە مىللەتلەر بىر چوڭ ئائىلىگە ئوخشايدۇ» دېگەن ئېتىقاتتا تەۋرەنمەي تۇرۇپ كەلگەنلىكىگە ئائىت مەزمۇنلار ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. ئەمما بىز بۇ ھەقتە سورىغىنىمىزدا ھەنىپە ئالىماخۇن ئۆزىنىڭ پەقەت ئىنسانىي مۇھەببەت نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغان يېتىم بالىلارنى بېقىۋالغانلىقىنى، بۇنىڭدا ھېچقانداق بىر شەخسىي غەرەزدە بولۇپ باقمىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

سۆھبەت جەريانىدا ھەنىپە خانىم ئۆتكەن يەتتە-سەككىز يىل جەريانىدا ئۆزىنى زىيارەت قىلىشقا كەلگەن مۇخبىرلارنىڭ پۈتۈنلەي خىتاي مۇخبىرلار بولغانلىقىنى، ئۆزى خىتايچە تىلنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان بولغاچقا، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە تەرجىمانلىق قىلىشىپ بەرگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ قانداق تەرجىمە قىلغانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

بېقىۋېلىنغان يېتىم بالىلارنىڭ مىللەت تەۋەلىكى ۋە بۇ ھەقتە ئوتتۇرىغا چىققان جامائەت پىكرى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا، ھەنىپە خانىم بۇ ئىشلارنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي خاھىشى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ بېكىتىپ بەرگىنى بويىچە يېزىلىپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بولسا بۇ بالىلارنىڭ ھەممىسىنى «ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى» دەپ قاراپ كەلگەنلىكىنى، مەتبۇئاتلارنىڭ بولسا بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھەنىپە خانىمنىڭ يىگىرمىگە يېقىن يېتىم بالىنى بېقىش جەريانىدا ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ياكى ئۇچرىمىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن سەۋىيىدە تۇرۇۋاتقان 70- ۋە 80-يىللاردا ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۆپ قىينالغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ قىيىنچىلىقلارنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تۈگەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. بۇ جەرياندا ھەنىپە خانىم يېقىنقى يىللاردىكى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە ئۆزى كۆپ قېتىملاپ نامايان بولغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ئىككى قەۋەتلىك ئازادە ئۆي سېلىپ بەرگەنلىكى شۇنداقلا ئۆينىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە كۆرگەزمە زالى تەسىس قىلىپ ئۇنىڭ «مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى» غا دائىر ئىش- ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىشتىكى «جانلىق نۇقتا» قىلىۋالغانلىقىدىن مەلۇماتلار بەردى.

ئاخىرىدا ھەنىپە خانىم ئۆزى بېقىۋالغان يېتىم بالىلارنىڭ مىللەتكە ۋە جەمئىيەتكە ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىنى كۆرۈشتىن باشقا ئارزۇسىنىڭ يوقلۇقىنى، شۇندىلا ئۆزىنىڭ خاتىرجەم كۆز يۇمىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.