ئەنگىلىيەنىڭ BBC تېلېۋىزىيە قانىلى 24-ئۆكتەبىر چوڭ ھەجىملىك تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارغا دائىر يېڭى دەلىللەرنى ئاشكارىلىدى.
«خىتاينىڭ مەخپىي لاگېرلىرى: شىنجاڭدىكى غايىپ بولغان ئۇيغۇرلارغا نېمە بولدى» سەرلەۋھىلىك بۇ دوكلات، بىر BBC مۇخبىرلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئۈرۈمچى، غۇلجا، قەشقەر قاتارلىق جايلىرىدا ئېلىپ بارغان نەق مەيدان تەكشۈرۈشى، لاگېرلارنىڭ سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرىنى ئانالىز قىلىش، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا يېتىپ چىققان ياكى ئائىلە -تاۋىئاباتى لاگېرلىرىغا ئەكىركېتىلگەن گۇۋاھچىلارنى زىيارەت قىلىش ئاساسىدا ئىشلەنگەن.
دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، BBC مۇخبىرلىرىنىڭ داۋانچىڭ، غۇلجا، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشى ۋە بۇ جايدىكى لاگېرلارنىڭ سۈنئى ھەمراھ رەسىملىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن دەلىللەر بۇ لاگېرلاردا يېتىپ چىققان گۇۋاھچىلارنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزلىرىنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىمەكتە ئىكەن. دوكلاتتا، BBC مۇخبىرلىرىنىڭ مەيلى نەق مەيدان تەكشۈرۈشى بولسۇن، مەيلى سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن دەلىللەر بولسۇن بۇ لاگېرلارنىڭ ھېچبىرى خىتاي ھۆكۈمىتى پەردازلىغاندەك «كەسپىي تەربىيە ئورۇنلىرى» غا ئوخشىمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ تۈرمە بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن.
BBC مەزكۇر پروگرامما ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر مۇخبىرلار گۇرۇپپىسىنى ئۇيغۇر رايونىغا ئەۋەتىدۇ. مۇخبىرلار خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق نازارىتى، كۆزىتىشى ۋە كاشىلىسىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار داۋانچىڭدىكى يىغىۋېلىش لاگېرى، يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئۆزگەرتىلگەن غۇلجا تولۇقسىز 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سىرتقى كۆرۆنۈشىنى ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولغان. ئەمما قەشقەردە ساقچىلار كاشىلا چىقىرىپ، مۇخبىرلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىغا يېقىنلىشىشىغا يول بەرمىگەن.
BBC نىڭ دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، مۇخبىرلارنىڭ ئەڭ دىققىتىنى قوزغىغان لاگېر داۋانچىڭدىكى لاگېر ئىكەن. داۋانچىڭ بازىرىنىڭ سىرتىدىكى بۇ لاگېرنىڭ كۆلىمى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، 2 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئېگىز تام بىلەن قورشالغان. بۇ لاگېرنىڭ 16 كۆزىتىش مۇنارى بار ئىكەن.
لېكىن كانادادىكى لاگېرلارنى كۆزەتكۈچى خىتاي پائالىيەتچى شاۋن جاڭنىڭ قارىشىچە، داۋانچىڭدىكى لاگېر بۇ كۆلەمدىكى چوڭ لاگېرلارنىڭ پەقەت بىرسى ئىكەن. ئۇ چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇنداق چوڭ كۆلەملىك لاگېرلارنىڭ باشقا جايلاردىمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى.
شاۋن جاڭ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ لاگېر مەن كۆرگەن ئەڭ چوڭ لاگېرلارنىڭ بىرى، دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ كونكېرت كۆلىمىنى مەن تېخى ھېسابلاپ باقمىدىم. بۇ يىغىۋېلىش لاگېرى مەن ئەڭ بۇرۇن بايقىغان لاگېرلارنىڭ بىرى. مەن بۇنى ئۆزۈمنىڭ تورىدا ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدا زادى قانچىلىك ئادەم پاتىدىغانلىقىنى لېكىن مەن يەنە بىر قېتىم ھېسابلاپ باقسام بولغۇدەك. بۇنداق چوڭ كۆلەملىك لاگېرلار 2018-يىلدىن باشلاپ شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جايلارغا قۇرۇلدى. ئىلى، قەشقەر قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسىدە بۇنداق چوڭ كۆلەملىك لاگېرلار تېپىلىدۇ. لېكىن ئۇنىڭدىكى كونكېرت ئادەم سانى قانچىلىك بۇ ماڭا مەلۇم ئەمەس.»
لېكىن BBC نىڭ بايان قىلىشىچە، سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرىنى ئانالىز قىلغان مۇتەخەسسىسلەر داۋانچىڭدىكى لاگېرنىڭ سىغىمچانلىقى توغرىسىدا ئادەم ھايران قالارلىق قىياسلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاۋسترالىيەدىكى تۈرمە لاھىيەلەش ئىشلىرىدا مۇتەخەسسىسلەشكەن گۇيمېر بېيلىر لاھىيەلەش ئورنىدىكى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى، بۇ لاگىرنىڭ سۈنئى ھەمراھ رەسىملىرىنى ئانالىز قىلىپ، ياتاقخانىلار يالغۇز كىشىلىك بولسا ئۇنىڭغا ئەڭ ئاز دېگەندە 11 مىڭ ئادەم سىغىدىغانلىقى، لېكىن ئوپچە ياتاق بولسا 130 مىڭ ئادەم سىغىشى مۈمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ھالبۇكى، ئامېرىكىدىكى بىر قۇرۇلۇش ئىنجېنېرلىرى ئىجتىمائىي تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى، بىناكار رافائېل سپەررىي، داۋانچىڭدىكى لاگىرغا 11 مىڭ ئادەم سىغىدۇ، دەپ ھېسابلاشنىڭ بەك تۆۋەن مۆلچەر بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى چوڭ ۋە ئىنتايىن سوغۇق بىر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى» دېگەن. ئۇنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، ياتاقخانىلار ئوپچە بولسا ئۇنىڭغا 130 مىڭ ئادەمنىڭ سىغىشىدا گەپ يوقئىكەن. رافائېل سپەررىي BBC غا قىلغان سۆزىدە، «بۇ ئورۇنلار قانچىلىك كىچىك ئورۇنغا قانچىلىك ئادەم سىغدۇرالىسا شۇنچىلىك ئادەمنى سىغدۇرغىدەك قىلىپ لاھىيەلەنگەندەك قىلىدۇ» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئاخباراتى تېخى ئۆتكەن ھەپتىدىلا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ بۇ ئورۇنلاردا ئىختىيارلىق بىلەن تىل ئۆگىنىۋاتقانلىقى ۋە كەسپىي تەربىيە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، «كىشىلەرگە بۇ ئورۇنلاردا قانۇن ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش تەربىيەسى» ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ۋە «ئىنسانى مۇئامىلە» قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چۈشەندۈرىشى خەلقئارا تاراتقۇلار ۋە كۆزەتكۈچىلەر ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچراپ كەلدى. ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى، ئۇيغۇرشۇناس دەررېن بايلېرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگىرلارغا قامىغانلىقى ۋە قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى بىر رېئاللىقتۇر. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، «زامانىۋى دەۋردىكى قورقۇنچلىق بىر مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن» لىكىنى بىلدۈردى.
دەررېن بايلېر مۇنداق دەيدۇ: «يىتەرلىك دەلىللەرگە ئاساسلانغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش بىلەن مەشغۇل بولماقتا. بۇ ئەھۋال زامانىۋي دەۋردىكى ئەڭ قورقۇنچلىق بىر مەنزىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنداق ھەرىكەت بۇرۇن ئەۋلادلاردىكى روھىي چۆكۈش ۋە ياتلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئائىلىلەرنىڭ پارچىلىنىشى، يەرلىك ئەنئەنىلەرگە بولغان چۈشەنچىگە بۇزۇلۇشى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كەڭ كۆلەملىك ئۆلۈم-يېتىملارغا سەۋەب بولغان. 2017-يىلدىن بېرى يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە قازاق خىتاينىڭ غەربىگە جايلاشقان شىنجاڭدىكى قايتا- تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە غايىپ بولدى.»
دەررېن بايلېر بۇ سۆزلەرنى 24-ئۆكتەبىر كانادا پارلامېنتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى چاقىرغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا قىلدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى پۈتۈن مۇسۇلمانلار لاگېرلارغا قامىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىنىڭ شارائىتى ئىنتايىن ناچار. نۇرغۇن خەۋەرلەردە لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، پىسخىلوگىيەلىك تەڭپۇڭسىزلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا. بەزى ئەھۋاللاردا تۇتقۇنلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاياق بوغقۇچى ۋە بەلۋېغىنىڭ ئېلىۋېلىنىدىغانلىقى مەلۇم. سىياسى تەربىيەلەشكە ماسلاشمىغانلارنىڭ تاياق يەيدىغانلىقى، ئايرىم سولاپ قويۇلىدىغانلىقى، دىنىي ۋە روھىي خورلاشقا ئۇچرايدىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر بار. ئۇنىڭ ياشانغان بەزى كىشىلەرنىڭ، ھەتتا ساغلام بەزى ياشلارنىڭ بۇ مەركەزلەردە ئۆلۈپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. نۆۋەتتە رايوندىكى پۈتۈن مۇسۇلمانلار لاگىرغا قامىلىشى خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.»
خىتاي ھۆكۈمىتى BBC نىڭ مەزكۇر دوكلاتىغا ۋە ئۇنىڭدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان دەلىللەرگە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن كانادادىكى شاۋن جاڭنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە لاگېرلار مەكتەپتەك كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن BBC نىڭ دوكلاتىدا ئاشكارىلانغان قاتتىق رېجىم ئاستىدىكى لاگېرلار مەزكۇر رايوندا كەڭ ئومۇملاشقان ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋىرىدىكى قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بىر قەدەر بوشراق تەربىيەلەش لاگېرلىرىدەك قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇخبىرلار زىيارەت قىلغاندا بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، بىر قىسىم كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىنى قوشۇپ، قارىماققا بىر ئاز مەكتەپكە ئوخشاشتەك ھالغا ئەكەلگەندەك قىلىدۇ. لېكىن BBC نىڭ دوكلاتىدا زىيارەت قىلغان يۇقىرى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان قاتتىق رېجىم ئاستىدىكى ئاتالمىش قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى مەزكۇر رايوندا ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقان.»
BBC نىڭ دوكلاتىدا يەنە بۇرۇن خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا يېتىپ چىققان ياكى ئائىلە تاۋىئاباتى لاگېرلىرىغا ئەكىركېتىلگەن چەتئەلدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ ئۇلارنىڭ شەخسىي ۋە ئائىلە كەچمىشى، لاگېرلار ھەققىدىكى گۇۋاھلىق سۆزلىرىگە كەڭ ئورۇن بەرگەن. BBC نىڭ قەيت قىلىنىشىچە، ئۇلار داۋانچىڭ، غۇلجا، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشى ۋە بۇ جايلاردىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرنىڭ سۈنئى ھەمراھ رەسىملىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن دەلىللەر، ئابلەت تۇرسۇن توختى، ئابدۇسالام مۇھەممەت ۋە ئالى قاتارلىق گۇۋاھچىلارنىڭ بەرگەن ئۇچۇرلىرىنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىگەن.
BBC نىڭ دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قايتا تەربىيەلەش نامىدا ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سوتسىز، ھۆكۈمسىز، قانۇنى رەسمىيەتسىز تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەنگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ: «خىتاي ئۆزىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. لېكىن، تارىخ بۇنداق پىلاننىڭ نەتىجىسى نەگە ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە ئاچچىق ساۋاقلار بىلەن تولغان» دېيىلگەن.
0:00 / 0:00