ئۇيغۇر پائالىيەتچى نۇرمەمەت مۇساباي، ئائىلىسىنىڭ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دا قانداق ساقلىنىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاتتى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.05.19
nurmemet-musabay-anisi-denagul.jpg ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە شتاتىدا ياشاۋاتقان سىياسىي پائالىيەتچى نۇرمەمەت مۇساباي ئانىسى دەناگۈل ھاجىم بىلەن. 1999-يىلى ياز، غۇلجا.
Photo: RFA

1966‏-يىلى 16‏-ماي كۈنى قوزغىلىپ، 10 يىل داۋاملاشقان خىتاي «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ 50 يىللىقىدا مەزكۇر ھەرىكەت زور مۇنازىرە قوزغىدى. خىتاي كومپارتىيەسى 17‏-ماي باش ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇ ھەرىكەتنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ بۇ ۋەقەنى بەك چوڭقۇرلاپ كولىشىغا چەكلىمە قويغان.

«مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نىڭ خىتاي جەمئىيىتىگە قانداق زىيانلارنى كەلتۈرگەنلىكى ھەققىدە كۆپ نەرسە ئېلان قىلىندى. ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قانداق بۇزغۇنچىلىقلارنى سالغانلىقى ھەققىدە يېتەرلىك ئىزدىنىش بولمىدى.

بىز بۇ بوشلۇقنى ئازراق بولسىمۇ تولدۇرۇش مەقسىتىدە بۇ پروگراممىنى تەييارلىدۇق. بۈگۈن، ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئاتاقلىق كارخانىچى، مەرىپەتپەرۋەر زات باھاۋۇددىن مۇساباينىڭ ئوغلى، ئابدۇل ئەلا ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دىكى كەچمىشلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

بىز بۇ پروگراممىمىزدا ئابدۇل ئەلا ئەپەندىنىڭ ئوغلى نۇرمەمەت مۇساباينى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دا ئائىلىسىنىڭ غۇلجىغا قانداق قېچىپ بارغانلىقىنى ۋە قانداق ساقلىنىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ بۇ ھەقتە نۇرمەمەت مۇساباي بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.