تۈركىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم: «ھۆكۈمىتىمىز مەزلۇم ئىگە-چاقىسىز خەلققە ئىگە چىقىدۇ»

0:00 / 0:00

قاتناش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم ئەپەندى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ 2-نۆۋەتلىك ئالاھىدە قۇرۇلتىيىدا مەزكۇر پارتىيەنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. ئۇ، ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان نۇتقىدا، «ھۆكۈمىتىمىز مەزلۇم ئىگە-چاقىسىز خەلققە ئىگە چىقىدۇ» دېدى. 22 -ماي كۈنى قۇرۇلتاي ئاخىرلىشىشى بىلەن تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 1411 ۋەكىلنىڭ 1405نىڭ رايىنى ئالغان بىنالى يىلدىرىمغا ھۆكۈمەت قۇرۇش ھوقۇقىنى بەردى.

تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى ئارەنا تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ 2-نۆۋەتلىك ئالاھىدە قۇرۇلتىيىغا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر، پارتىيە ئەزالىرى، ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى. يىغىن زالىغا پارتىيەنىڭ قۇرغۇچىسى ھازىرقى دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ۋە بۇ قېتىم سايلانغان بىنالى يىلدىرىمنىڭ چوڭ رەسىمى ئېسىلغان بولۇپ، قۇرۇلتاينىڭ تېمىسى «مۇقەددەس سەپەرگە داۋام» ۋە «بىر مىللەت، بىر بايراق، بىر ۋەتەن ۋە بىر دۆلەت» دېگەن شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلار ئېسىلغان.

ئون مىڭلىغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئاستىدا قۇرۇلتاي زالىغا كىرگەن پارتىيە باش سېكرېتار نامزاتى بىنالى يىلدىرىم ئەپەندى ۋە ئايالى سەمىخا يىلدىرىم خانىم ۋەكىللەرگە قىزىل گۈل تارقاتتى.

ئۇ، قۇرۇلتايدا قىلغان نۇتقىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ مەزلۇم ئېزىلگەن ئىگە-چاقىسىز دۆلەت ۋە مىللەتلەرگە ئىگە چىقىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە مەزلۇم ئىگە-چاقىسىز دۆلەت ۋە مىللەتلەرگە ئىگە چىقىدۇ. تۈركىيە كۈچلەنگەنسېرى، يەرلىك سانائەتنى، مىللىي مۇداپىئە سانائىتىنى كۈچلەندۈرگەنسېرى ھېچقانداق دۆلەت بىزگە چېقىلالمايدۇ.»

سابىق تۈركىيە قاتناش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم ئەپەندىنىڭ بىر سائەت داۋاملاشقان نۇتقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قۇرۇلتاينىڭ كۈن تەرتىپىگە بىنائەن سايلام ئېلىپ بېرىلدى. بىنالى يىلدىرىم ئەپەندى 1411 ۋەكىلدىن 1405 ۋەكىلنىڭ رايىنى ئېلىپ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىكىگە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرلىقىغا سايلاندى.

تۈركىيە باش مىنىستىر مۇئاۋىنى بېكىر بوزداغ ئەپەندى سايلام ئاخىرىدا مۇنداق جاكارلىدى: «بىنالى يىلدىرىم يېڭى رەئىسىمىز بولۇپ سايلاندى، خەيرلىك بولسۇن.»

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ھۆكۈمەتنىڭ بېشىدىكى مەزگىللەردە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن تۈركىيەگە 7-8 مىڭ ئادەم قوبۇل قىلىندى. تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلدى. ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسى مەزگىلىدە قەشقەرگە رەسمىي زىيارەت ئېلىپ باردى. ئۇنداقتا بىنالى يىلدىرىم مەزگىلىدە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى قانداق بولار؟ يېڭى باش مىنىستىرنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى قانداق بولار دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى يېڭى باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن خەۋەردار بىر كىشى ئىكەنلىكىنى، دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى سىياسىتىدە سۈرىيە مەسىلىسى ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەت مەسىلىسى بارلىقىنى، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يېڭى قۇرۇلىدىغان ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى سىياسىتىنى دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بەلگىلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئېزىلگەن ۋە ئىگە-چاقىسىز مىللەتلەرگە ياردىم قىلىش سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشنىمۇ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم 1955-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەرزىنجان ۋىلايىتىنىڭ رەفاھىيە ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى كېمە ئېنژىنىرلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1994-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ دېڭىز قاتناش ئىدارىسىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 2001-يىلى 8-ئايدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى بولغان. 13 يىلدىن بېرى تۈركىيە قاتناش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن، 3 پەرزەنت دادىسى بولغان بىنالى يىلدىرىم ئەپەندى 22-ماي كۈنىدىكى قۇرۇلتايدا باش مىنىستىر بولدى.