بىڭتۇەن خەۋەرلىرىدە يېقىندا ئېلان قىلىنىشىچە، 1992-يىلى، خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن چىقىپ 4-دېۋىزىيە 64-پولك 12-ليەنگە ئولتۇراقلاشقان خىتاي ئىشچى جاۋ دۇچى، 12-ليەنگە كەلگەندىن بېرى بۇ يەردە يەر تېرىپ دېھقانچىلىقتىن ئىزچىل مول-ھوسۇل ئېلىپ كەلگەن. 2011-يىلى، ئۇ 12-ليەندە 24مو قىزىل ھاراق ئۈزۈمى كۆچىتى كۆتۈرە ئالغان بولۇپ، بۇ بىرنەچچە يىلدىن بېرى، قىزىل ھاراق ئۈزۈم كۆچەتلىرىنى پەرۋىش قىلغان، 2015-يىلى ھەر بىر مو يەردىن ئىككى يېرىم توننىدىن، 24 مو يەردىن 60 توننا مەھسۇلات ئېلىپ،جەمئىي پۇلى 198 مىڭ سوم، ساپ پايدىسى 150 مىڭ سوم بولغان. ئۇ بۇ دېۋىزىيىدىكى ئەڭ يۇقىرى ساپ كىرىم قىلغان دېھقان بولۇپ قالغان.
بىڭتۇەن 4-دېۋىزىيىسى 72-تۇەن مەيدانىغا شەنشىدىن يېقىندا كۆچۈپ كەلگەن بىر كۆچمەن ئۆزىنىڭ شىنجاڭدا سىياسەت ياخشى دەپ ئاڭلاپ كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى، ئۆزىگە ئوخشاش نۇرغۇن كۆچمەنلەرنىڭ دېھقانچىلىق يېرىگە ئۆزى ئىشلىمەي، باشقا يېڭى كەلگەن ئىشلەمچى خىتايلارنى ئىشلىتىپ تېز بېيىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، زادى قانچىلىك كىرىم قىلىدىغانلىقىنى يوشۇردى. بۇ خىتاي كۆچمەننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلارنى ئىشلەتكەندە ئۇلار مۇسۇلمانچە تاماق يېگەنلىكى ئۈچۈن ۋە تىلى ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈن جىق چىقىم ۋە قۇلايسىزلىقلار بولارمىش.
خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ بارغانچە ياخشى بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كەلدى، ئەمما ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئىنكاسلىرى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن ئۇيغۇر ئېلىدا باي بولۇۋاتقانلار ئەمەلىيەتتە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بولۇپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرى خىتايلار بىلەن ئوخشاش مەھسۇلات تېرىغان تەقدىردىمۇ ئوخشاشلا كىرىم قىلالماي كەلمەكتە. بۇنىڭ سىرى نەدە؟ ئەجەبا خىتاي دېھقاننىڭ ئۈزۈمى تاتلىق، ئۇيغۇرنىڭ ئاچچىقمۇ؟
ئەڭ داڭلىق ئۈزۈم ماكانى بولغان تۇرپاندىكى يەرلىك ئۈزۈمچى دېھقان2015-يىلىدا قانچىلىك كىرىم قىلالىدى؟ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد تۇرپاندا ئۈزۈمچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن يېشى ئاتمىشتىن ئاشقان بىر دېھقان ئايال بۇ يىل كۆپ كىرىم قىلدىم دېگەندە 5، 6 مىڭ سومغا يەتسىمۇ، ئەمما سۇ پۇلى ۋە باشقا باجلارنى چىقىرىۋەتكەندە ساپ كىرىمىنىڭ بولسا 3 مىڭ سومغىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە مەھسۇلات سۈپىتى ياخشى بولغان تەقدىردىمۇ، ھۆكۈمەت ياكى كارخانىلار ئاساسەن بىڭتۇەن ئۈزۈملىرىنى توپ ۋە قىممەت سېتىۋالىدىغان بولغاچقا، ئۇيغۇر دېھقانلىرى ھېچقاچان بىڭتۇەن دېھقانلىرىدەك كىرىم قىلالمايدىكەن. بۇ ئايال 2015-يىلى كۈزدە ئۆزىنىڭ ئۈزۈمىنى ھەر كېلوسىنى بىر يېرىم سومدىن ساتقان بولسا، بىڭتۇەننىڭكىنى بەش-ئالتە سومدىن سېتىۋالغانلىقىنى ئېيتتى.
خىتاينىڭ بىڭتۇەنىگە يېقىن تۇمشۇقتا ئولتۇرۇشلۇق بىر ئايال يېقىنقى يەتتە-سەككىز يىلدىن بۇيان خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ بۇ يۇرتتا بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ھۆكۈمەت ئۇلارغا پەرقلىق ئايرىم سىياسەتلەر قوللىنىدىغان بولغاچقا، كۆچمەنلەر ئاھالىلەرنىڭ تېزلا بېيىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ئۆكتىچىلەردىن خۇ پىڭ بۇ ھەقتە ئانالىز يۈرگۈزۈپ مۇنداق دېدى: «دەسلەپتە خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەننى قۇرغاندا خىتاي كۆچمەنلەرنى مەجبۇرىي ۋە تەشكىللىك ئاپارغان، شۇڭا ئۇلار تۈرلۈك مىللىي زىددىيەت ۋە شارائىت پەرقى سەۋەبلىك پۇرسەت بولسىلا بىڭتۇەندىن يۇرتلىرىغا قېچىشقا باشلىغان ئىدى، بولۇپمۇ 80-يىللاردىن كېيىن بىڭتۇەندىن كەتكەنلەر كۆپىيىشكە باشلىدى. يېقىنقى يىللاردا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى باشقۇرۇشى بۇ جايدىكى قارشىلىقلارنىڭ كۈچىيىشى بىلەن زور رىقابەتكە دۇچ كەلدى، خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ جىق ئادەم يۆتكىشى كېرەك، ھازىر كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى كۆچمەنلىرىنى ئەنە شۇنداق پەرقلىق سىياسەتلەرنى چىقىرىپ مەنپەئەتلەندۈرۈش ئارقىلىق قىزىقتۇرماقتا، مېنىڭچە، بۇمۇ ئۇزاق مۇددەت ئۈنۈم بەرمەيدۇ، ئۇلار بەرىبىر ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇزۇن قالالمايدۇ، چۈنكى ئۇلار يەرلىك خەلق بىلەن ھەر جەھەتتە دەسلەپ كەلگەن كۆچمەنلەردىنمۇ بەكرەك سىڭىشەلمەيۋاتىدۇ، ئەمەلىيەت كۆرسىتىپ تۇرۇپتىكى، ۋەزىيەت كەسكىن، زىددىيەت كۈچەيمەكتە، بىرەر ئىش چىقسا ئەڭ ئاۋۋال قاچىدىغانلار يەنىلا خىتاي كۆچمەنلەر، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپىيىشى ۋە بۇ خىل پەرقلىق سىياسەتلەر دەل ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنىڭ بارغانچە شىددەتلىك تۈس ئېلىشىغا سەۋەب بولماقتا.»
